07.08.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1468732
07.08.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يېڭى شەپەق» گېزىتى، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ: لىۋىيەدە مەسىلىنىڭ ھەل بولغىنى يوق، (سۆھبەت) ئۈستىلىدىن قاچقان ھافتەر ھەرۋاقىت ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈنكى لىۋىيە زىيارىتى جەريانىدا بايانات بېرىپ، «ساھەدە سۈكۈنات بولسىلا لىۋىيەدە مەسىلە ھەل بولغان بولمايدۇ. ئەكسىچە ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ، شۇڭا ھەمكارلىق داۋاملىشىشى كېرەك. بىز مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈستەل ئەتراپىدا ئولتۇردۇق، بىراق ئۈستەلدىن تۇرۇپ كەتكىنى داۋاملىق ھافتەر بولدى، ئۇ مەسىلىگە سىياسىي چارە تېپىشقا ئىشەنمەيدۇ، (سۆھبەت) ئۈستىلىدىن قاچقان ھافتەر قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ساباھ» گېزىتى، «ئەنگلىيە تېلېۋىزىيە قانىلى تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرىشىنى مەدھىيەلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئەنگلىيەنىڭ – Sky News قانىلىنىڭ تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرىشىگە يۇقىرى باھا بەرگەن بىر سىن كۆرۈنۈشلۈك خەۋىرىنى ھەمبەھرىلىگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە، تۈركىيەنىڭ كېسەللىكنىڭ مەنبەسىنى تېپىش خادىملىرىنىڭ رازۋىتچىكلەردەكلا ھەرىكەت قىلغانلىقى، مۇددەتتىن بالدۇر شۇنداقلا ئارقا – ئارقىدىن مۇداخىلە قىلىشنىڭ داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ئىيۇن ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا % 9 ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ئېكسپورتىنىڭ ئىيۇن ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا % 9.2 ئاشقانلىقى، ئىيۇن ئېيىدىكى 2 مىليارد 16 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنىڭ ئىيۇل ئېيىدا 2 مىليارد 201 مىليون دوللارغا ئۆرلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن» گېزىتى، «روللىك 168 مىليون دوللارغا زىنگاغا سېتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان <روللىك ئويۇنلىرى> ناملىق كۆچمە ئويۇن شىركىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ زىنگا شىركىتىگە 168 مىليون دوللارغا سېتىلغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلشىىچە، زىڭگا 6- ئايدىمۇ تۈركىيەنىڭ «چوققا ئويۇنلىرى» شىركىتىنى 1.8 مىليارد دوللارغا سېتىۋالغانىكەن.

«ستار» گېزىتى، «چاغلار سۆيۈنجۈ بارسېلونا بىلەن پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى فورمىسى بىلەن زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن مىللىي ماھىر چاغلار سۆيۈنجۈنىڭ بارسېلوناغا يۆتكىلىدىغانلىقى، بارسېلونا بىلەن پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلغان چاغلارنىڭ، لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن بارسېلونا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنى ساقلاۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر