04.08.2020

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1466711
04.08.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ باشلىقى مۇستافا شەنتوپنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەپ، ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ساھىبا گافاروۋاغا تېلېفون قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مۇستافا شەنتوپنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى ھۇجۇملىرىغا قارشى تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئامېرىكانىڭ «ۋول سترېت ژۇرنال گېزىتى» (The Wall Street Journal) دە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز ئىستراتېگىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمە ماقالىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ماقالىدە، رايوندا دېڭىزچىلىق پىروگراممىسى باشلىغان تۈركىيەنىڭ يېڭى ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقان ئەھۋال ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، گىرېتسىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېۋانگېلوس ئاپوستولاكىس (Evangelos Apostolakis) نىڭ تۈركىيەنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گېئوپولىتىكا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن گىرېتسىيەنىڭ ئورنىغا تۈركىيەنى تاللايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئېۋانگېلوس ئاپوستولاكىسنىڭ  تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا مۇھىم رايونلۇق كۈچ سۈپىتىدە زورىيىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە بارلىق گېئوپولىتىكا مۇنبەرلىرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ ۋە مۇھىم ئاكتىيور سۈپىتىدە كۆرۈلۈۋاتىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  غا قارىماي، تۈركىيەدە بازار ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۇ يىل (2020) نىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئىستانبۇلدا تۇرالغۇ سېتىش مىقدارى %16 ئۆرلەپ 106 مىڭدىن ئاشقانلىقى؛ تۈركىيە مىقياسىدا سېتىلغان ئاپتوموبىل سانى 156 مىڭدىن 203 مىڭغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ئىستانبۇلدا يېڭى قۇرۇلغان شىركەت سانى يەتتە ئايدا ئۆتكەن يىل (2019) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن %10 ئېشىپ 30 مىڭ 509 غا چىققانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تازىلىق ۋە ئۆزىنى ئاسىراش شىركەتلىرىدىن «P&G» نىڭ تۈركىيە، كاۋكاز رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مەسئۇل مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى تانقۇت تۇرنائوغلۇنىڭ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ئېشىش مەركەزلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تانقۇت تۇرنائوغلۇنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدا ياۋروپادا ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: « P&G تۈركىيە، ئوخشاش ۋاقىتتا ئېكسپورت چېمپىيونى. ئۆزىنى ئاسىراش مەھسۇلاتلىرى، ئاياللارنىڭ گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى، بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرى، ئۆي ۋە رەخت تازىلىقى، ئۆزىنى ئاسىراش مەھسۇلاتلىرى كاتېگورىيەسىدە باشلامچى بولۇش ئورنىدا» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.            

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر