30.07.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1464593
30.07.2020

ساباھ گېزىتى، «مىنىستىر ئاقار: ھەممەيلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار: «ئايا سوفيا جامەسىنىڭ ئېچىلىشى پۈتۈنلەي تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدۇر. بۇ جەھەتتە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئورگانلىرىدىن باشقا ھېچكىشىنىڭ بىر نەرسە دېيىش ھەققى يوق. ھەممەيلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى چىقارغان قارارغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئىدلىبتىن تۈركىيەگە رەھمەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مەھمەتچى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ قەتئىي مەيدانى بىلەن مۇقىملىققا ئېرىشكەن ئىدلىب خەلقى تەييارلىغان سىنلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. سىندا بىر سۈرىيە پۇقراسى مۇنداق دەيدۇ: «بىز تۈرك ئەسكەرلىرىگە رەھمەت ئېيتىمىز. ئۇلار بىزنى دەپ ئائىلىسىنى، يۇرتىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى تاشلاپ كەلدى. 3 يىلدىن بېرى بۇ يەردە تۇرماقتا. تۈرك ئەسكەرلىرى بۇ يەردە چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننى ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلار بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىڭلارچە سالام بولسۇن».

ھۆررىيەت گېزىتى، «گېرمانىيەنىڭ ساياھەت ژۇرنىلى تۈركىيەنىڭ ۋىرۇسقا قارشى كۈرىشىنى مەدھىيەلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گېرمانىيە ساياھەت ژۇرنىلى «Touristik Aktuell» ، «بىخەتەر ساياھەت» كىنىشكىسىگە ئىگە دەم ئېلىش رايونلىرىنى چۈشەندۈرگەن ماقالىسىدا، تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلىرىنى ماختىدى. ماقالىدا، تۈركىيەدە تازىلىق قائىدىلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى يولغا قويۇلغانلىقى تەكىتلەندى.

ۋەتەن گېزىتى «سۇمەلا موناستىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن توربېكەت تەييارلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى سۇمەلا موناستىرىنى تونۇتۇش مەقسىتىدە «sumela.gov.tr» ناملىق تور بېكەت تەييارلىدى. «ئانادولۇنىڭ يوشۇرۇن يادىكارلىقلىرى» دېگەن ئۇچۇر بىلەن زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋالدىغان بۇ تور بېكەتتە، سۇمەلا موناستىرىنىڭ تارىخى، بىناكارلىقى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىغا ئالاقىدار رەسىم ئامبىرى قاتارلىقلار ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ.

سىتار گېزىتى، «350 مۇتەخەسسىس قاتناشقان 6G تەتقىقاتىدا 3 نەپەر تۈرك ئالىممۇ ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 350 مۇتەخەسسىس 6G ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. فىنلاندىيەدە، فىنلاندىيە ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىدا  تۈكىيەدىنمۇ 3 نەپەر ئالىم، پىروفېسسور دوكتور ئەردال پانايىرىجى، دوتسېنت دوكتور سەرھات ئەركۈچۈك ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى دوكتور  يالچىن شادى ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر