01.07.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1446740
01.07.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سىيارتو (Peter Szijjarto) بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ لىۋىيە توغرىسىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارنىڭ دەل ئەكسىنى قوللايدۇ. فىرانسىيە ئىسيانچى خەلىفە ھافتەرنى قوللايدۇ. فىرانسىيە توغرا مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇ؟ ياق. ھافتەرگە قورال بەرمىگەنلىكىنى دەۋاتىدۇ. پۇلىنى ئابۇ زابى، قورالىنى فىرانسىيە بېرىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاينىڭ سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاش كورىناتسىيە كېڭىشى يىغىنىدا: «دۇنيادا پەقەت يەتتە دۆلەتتىلا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان، تاموژنىلاردا قانۇنسىز سودىلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان < x-ray> سىستېمىلىرى بىلەن قاتناش ۋە كونتېينىرلارنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى مىلتار < MİLTAR> لايىھەسى رامكىسىدا، يەرلىك ۋە مىللىي شەكىلدە ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، بۇ يىل (2020) خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغان «ت ج گ ئۇپۇق» (TCG) ناملىق پاراخوتنىڭ تۈركىيەنى دېڭىزدىن ئىستىخبارات توپلاشتا چوڭ كۈچكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر «بۇ ساھەدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىمىز» دەپ باھا بەرگەن پاراخوتنىڭ، ئاقدېڭىزدىكى تەڭپۇڭلۇققا بىۋاستە تەسىر قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا «ئاۋىياتسىيە كۆۋرۈكى» رولىنى ئويناۋاتقان سان ئېكسپرېس (SunExpress) ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى ماكس كوۋناتكى (Max Kownatzki)، تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەزگىلىدە دەم ئېلىش ئۈچۈن «ئەڭ توغرا جاي» ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق بىلىم مۇسابىقىسىدە، بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بەگۈم توفاننىڭ ماتېماتىكادا بىرىنچى بولۇپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر