22.05.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1421676
22.05.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غايەت چوڭ دوختۇرخانىنىڭ ئېچىلىشىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىستانبۇل باشاقشەھىر چام ۋە ساكۇرا دوختۇرخانىسىنىڭ تۈنۈگۈن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكى، ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «بۇ يەردە ساغلاملىق ساياھەتچىلىكىدە تۈركىيەنىڭ ماركا ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ. خەلقىمىزگە ۋە ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا بولغان يېقىنلىقى تۈپەيلى چەت ئەللىك مېھمانلىرىمىزغىمۇ مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇ، ئىستانبۇلنىڭ بىر خەلقئارا ساغلاملىق مەركىزىگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ساباھ» گېزىتى، «ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشلىقى ئالتۇن ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىغا يازدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» ئۈچۈن «تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەسى كورونا ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى» دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىپ، تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى بايان قىلىپ، «بىز سەھىيە ساھەسىدىكى ئىسلاھات ۋە سېلىنمىلىرىمىز ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىشىنىڭ يولىنى ئاچتۇق. نەتىجىدە سەھىيە سىستېمىمىز باشقا دۆلەتلەردىكىگە ئوخشاش ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانلىقىنى يازدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھافتەرگە نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوينىڭ، لىۋىيەدىكى تۈركىيە مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈلگەن تەقدىردە، بۇنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىسيانچى ھافتەر ئۇنسۇرلىرىنى يوللۇق زەربە نىشانى دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ۋەتەن» گېزىتى، «تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشتا نورماللىشىش باسقۇچى قەدەملىرىنىڭ تاشلىنىشىدىن كېيىن ئەڭ كۆپ ساياھەتچى يوللايدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىشكە باشلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت ئەرسوينىڭ گىرېتسىيە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى خارىس تېئوخارىس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەگە دېڭىزىنىڭ بىخەتەر لىنىيە سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلىشى توغرىسىدا سۆزلىشىپ، ئورتاق تونۇتۇش سەپەرۋەرلىكى قوزغاشنى قارار قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار» گېزىتى، «مارماراينى بېسىپ ئۆتىدىغان تۇنجى ئېكسپورت پويىزى ساكاريادىن يولغا چىقىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق ئۆي ئەشيالىرى يۈكلەنگەن مارمارايدىن ئۆتىدىغان تۇنجى ئېكسپورت پويىزىنىڭ ساكاريانىڭ ئارىفىيە پويىز ئىستانسىسىدىن قوزغالغانلىقىنى، يۈز يىلنىڭ تۈرى – مارماراينى بېسىپ ئۆتۈپ بىۋاسىتە ياۋروپاغا بارىدىغان پويىزنىڭ ئانادولۇدىن ياۋروپاغا يېتىپ بارغان تۇنجى مەخسۇس ئېكسپورت پويىزى بولىدىغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر