07.05.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1412725
07.05.2020

 

ھۆررىيەت گېزىتى، «مىنىستىر كوجا: <بىز بىرىنچى باسقۇچنى تاماملىدۇق، ئىككىنچى باسقۇچنىڭ ئىسمى "كونترول قىلىنغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش" دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەشتى:

سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا تۈركىيەنىڭ كوۋىد-19 غا قارشى كۈرەشتە بىرىنچى باسقۇچلۇق مەزگىلنى تاماملاپ ئىككىنچى باسقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە: «بىز بۇ يېڭى مەزگىلگە ئىسىم قويۇشنى مۇۋاپىق  كۆردۈق. بۇ ئىسىم "كونترول قىلىنغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش" بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئىجرا قىلىدىغان 2 قائىدە بار، بىرىنچىسى، سىرتقا چىقساق ماسكا ئىشلىتىمىز، ئىككىنچىسى، ئىجتىمائىي ئارىلىقنى تەڭشەيمىز» دېدى.

ۋەتەن گېزىتى، «چاۋۇشئوغلۇ <128 دۆلەت تۈركىيەگە مۇراجىئەت قىلدى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 128 دۆلەتنىڭ تۈركىيەدىن ياردەم، ئېكسپورت رۇخسىتى ياكى سېتىۋېلىش شەكلىدە تىببىي ئەسلىھە تەلەپ قىلغانلىقىنى، تەخمىنەن يېرىمىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى. چاۋۇشئوغلۇ «دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تۈركىيەدىن تىببىي ئەسلىھە تەلەپ قىلدى. بۇ تۈركىيەنىڭ ئىشەنچ مەنبەسى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ساباھ  گېزىتى، «باش ئەلچىلەر تۈركىيەنىڭ تاج سىمان ۋىرۇسقا قارشى كۈرىشىنى مەدھىيەلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق  7 باش ئەلچى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19) ئاپىتى مەزگىلى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرىشىنى مەدھىيەلىدى. تۈركىيەنىڭ ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاۋانگارت دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش ئەلچىلەر سەھىيە سىستېمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى  سايىسىدا باشقا دۆلەتلەردە يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئېشىۋاتقان بولسا، تۈركىيەدە تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەندى.

سىتار گېزىتى، «داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى مارك موبىئۇس بايانات ئېلان قىلىپ، <تۈركىيە ئۈچۈن پۇرسەت> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلارنى يازدى:

داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى دوكتور مارك موبىئۇس ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19)  كىرزىسىدە تۈركىيەنىڭ دۇنيا سودىسىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىيەلەيدىغانلىقىنى،  سېلىنمىدىن تەمىنلەشكىچە، نېفىت باھاسىدىن  پاي بازىرىغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە كىرىزىسنىڭ تۈركىيەگە ئېسىل پۇرسەت سۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «تۈركىيەنى ئىپتىخارلاندۇرغان مۇكاپات» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىزمىر ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دېنىز جەيلان قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىككى قۇتۇپلۇق قالايمىقانلىشىشنى چۈشىنىشكە ئالاقىدار خىزمىتى بىلەن خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «ياش تەتقىقاتچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن دېنىز جەيلان تۈركىيەدە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۈچىنچى كىشى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر