18.03.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1380371
18.03.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ماكرون، مېركېل ۋە جونسون بىلەن تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون يىغىنىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتىن سىرت يەنە، سۈرىيە كىرىزىسى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

 «‹ساباھ› گېزىتى»،  «تۈركىيە 6 دۆلەتكە ئۇچۇش چەكلىمىسى قويدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە يەنە بىرىنى ئىلاۋە قىلدى. ئەنگلىيە، ئېرىلاندىيە، شىۋېتسارىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، مىسىر ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئۇچۇشنى چەكلەش يولغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە ئۇچۇشنى چەكلىگەن دۆلەتلەرنىڭ سانى 20 گە يەتتى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە ساياھەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان دۆلەت بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

رۇسىيە ساياھەت شىركىتلىرى بىرلىكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنى ساياھەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەتلەردىن بىرى قىلىپ بېكىتتى. بىرلىك يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن رۇس ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت پىلانلىرىدا تۈركىيەنى تاللاشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە شىركىتى خىتاينىڭ دورا ماگناتى بىلەن <ۋۇخەن ۋىرۇسى> ۋاكسىنىسى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈرك ئالىم پروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن قۇرغۇچى شېرىك بولغان بىيوتېخنولوگىيە شىركىتى (BioNTech ) يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) ۋاكسىنىسى ئۈچۈن مەركىزى خىتايدىكى شاڭخەي فوسۇن دورىگەرلىك شىركىتى (Fosun Pharma) بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ ئىككى شىركەت ۋاكسىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كلىنىكىلىق سىناق ۋە سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىدۇ.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز چىقىمى 3 مىليارد دوللار ئازىيىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

خام نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە 50 دوللاردىن تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ 2020- يىلى تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىش چىقىمىنىڭ تەخمىنەن 3 مىليارد دوللار ئازىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ تۆۋەنلەشنىڭ ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن پايدىلىق ئىكەنلىكى، ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كىرىمىنىڭ بولسا تۆۋەنلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر