24.01.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1346657
24.01.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ: ئۇرۇش توختىتىش داۋاملىشىدىغانلا بولسا، لىۋىيە قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىلمەيدۇ (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىنىدىغانلا بولسا، تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتكە زاپاس ئەسكەر ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، لىۋىيەدىكى ئەڭ مۇھىم شەرتنىڭ توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، دىققەتلىرىنى لىۋىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىشقا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «ھافتەرنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى تەھدىتى تۈركىيەنىڭ قولىنى كۈچلەندۈرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، لىۋىيەدە مىتىگا ئايرودۇرۇمىنى گراد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ بوردىمان قىلغان ھافتەر كۈچلىرىنىڭ، تىرىپولىغا يېقىنلاشقان يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانلىقىنى يازدى. گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر باياناتلارنىڭ تۈركىيەگە نىسبتەن كۈچلۈك كوزىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دەم ئېلىشقا چىققان ئۇچقۇچى بىرىگادا گېنېرالى بەيازىت قاراتاش، «تۈركىيە، لىۋىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى يوللىدى. تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ھافتەر كۈچلىرىنى ئەركىن – ئازادە ھالدا بومباردىمان قىلالىغۇدەك كۈچكە ئىگە. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارغا ئۇرۇش توختىتىشنى خالىمىغان ھافتەر باش قاتۇرسۇن» دېگەن.

«<ستار> گېزىتى»، «ستولتېنبېرگ: تۈركىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشكە مەجبۇرمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنىڭ، تۈركىيەنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر ناتو ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، « تۈركىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشكە مەجبۇرمىز» دېگەنلىكىنى يازدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېنس ستولتېنبېرگ، «تۈركىيە بىر قانچە جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بىر ناتو ئىتتىپاقدىشى. ناتونىڭ ۋەزىپە ۋە ھەرىكەتلىرىگە ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، ئەينى ۋاقىتتا دائېش ئۈستىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى» دېگەن.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ 2019 – يىلىدىكى مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئېكسپورتى 2 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ 2019 – يىلى مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى ئېكسپورتىنىڭ بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %35 ئېشىپ، 2 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى يازدى. گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەدە مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسى سانائىتىدە 50 مىڭغا يېقىن ئادەم خىزمەت قىلىدىكەن. تۈركىيە كېلەچەكنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى، ئۇزۇن مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، سۈنئىي ھەمراھ ۋە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش سىستېمىلىرى دېگەندەك ساھەلەردە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، دۇنيادىكى چوڭ شىركەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىگۈدەك مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا ئىكەن.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «بەرات ئالبايراق: تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچلۈك ئۆزگىرىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراقنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئىجادكار، تەشەببۇسكار خاراكتېردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى يازدى. خەۋەردە، يېڭى (ئىقتىسادىي) سىستېمىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالبايراقنىڭ، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەنلىشىدىمۇ بۇنىڭ ئىپادىلەنگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالبايراق، تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىغا ئوخشاشلا مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر