09.12.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1319973
09.12.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ۋەتەن> گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 13- ئىقتىسادىي كۈچىدۇر (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا سۆز قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا تۈركىيەنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى نۇقتىسىدىن قارىغاندا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 13 – چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەردوغان، «سىرتتىن بىۋاسىتە سېلىنما جەلپ قىلغان دۆلەتلەر رەت تەرتىپىدە 4 بالداق ئۆرلىدۇق. تۈركىيەگە كەلگەن بىۋاسىتە سېلىنمىلار 13 مىليارد دوللارغا يەتتى. ئەڭ كۆپ سىرتنىڭ سېلىنمىسىنى جەلپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولدۇق» دېگەن.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «تۈركىيەدىن ھىندىستانغا تەزىيە تېلېگراممىسى: سەمىمىي تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدىكى ئوت ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى؛ (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات بېرىپ، «ھىندىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن پاجىئەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا سەمىمىي تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ئىستانبۇلدىكى ئايرودۇرۇملاردىن 11 ئايدا 96 مىليونغا يېقىن يولۇچى ساياھەت قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلەت ھاۋا مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت سەھىپىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل (2019) نىڭ يانۋار – نويابىر ئايلىرى ئارىسىدا ئىستانبۇلدىكى ئايرودۇرۇملار ئارقىلىق ساياھەت قىلغان يولۇچىلار سانى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون 235 مىڭ 632 ئادەم قېتىم ئېشىپ، 95 مىليون 988 مىڭ 89 غا يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«<ستار> گېزىتى»، «مۇداپىئە (ساھەسىنىڭ) چوڭ (شىركەتلىرى)لىرى كۇۋەيتكە بارىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيە، 10 – دېكابىردىن 12 – دېكابىرغىچە كۇۋەيتتە ئېچىلىدىغان 2019 - يىللىق پارس قولتۇقى مۇداپىئە ۋە ئالەم بوشلۇقى يەرمەنكىسىگە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ كوردىناتسىيەسى، مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى ئېكسپورتچىلار بىرلىكىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا 20 شىركەت بىلەن ئىشتىراك قىلىدۇ.

«<ساباھ> گېزىتى»، «ئەجزاجىباشى دۇنيا ئىككىنچىسى بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەجزاجىباشى ۋىترانىڭ، FIVB ئاياللار دۇنيا كوماندىلىرى چېمپىيونلۇقنى تاشلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە كوماندىسى ئىموكو ۋوللېيغا 3 كە قارشى 1 نومۇر بىلەن يېڭىلىپ قېلىپ، دۇنيا ئىككىنچىسى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر