20.11.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1309369
20.11.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ئامېرىكانىڭ « F-35 » ئايروپىلانلىرى بىلەن تۈركىيەگە ئادالەتسىزلىك قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ «F-35» لايىھەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شېرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ لايىھە دائىرىسىدە ۋەدە قىلغان 2.1 مىليار دوللارنىڭ 1.4 مىليارد دوللىرىنى تۆلىدۇق. F-35 مەسىلىسىدە ھازىرقى مۇرەسسەلەشمەس پوزىتسىيە داۋام قىلسا، تۈركىيە ئوتتۇرا مەزگللىك ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن باشقا يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «بۇ سەۋەبتىن، تۈركىيەنىڭ يوللۇق خەۋپسىزلىك قايغۇلىرى بار» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكاسىنىڭ 2019-يىلى سېنتەبىر ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا سېلىنمىلارغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا چەت ئەللەردىكى مال-مۈلكى 247.5 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى (2018) نىڭ ئوخشاغ مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %8 ئاشقان.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرېنېرى شەنول گۈنەش باشچىلىقىدا، ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تۈركىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مەيدانىدا توپ يېمىگەن بىردىنبىر كوماندا بولۇپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدىكى رەقىپلىرى، 30-نويابىر رۇمېنىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بېلەت تارتىش بىلەن ئېنىق بولىدىكەن.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر