18.10.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1290237
18.10.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئەردوغاندىن ترامپقا جاۋاب؛ تېررورىزمنى مەغلۇب قىلغىنىمىزدا يەنە نۇرغۇن جان قوتقۇزۇپ قىلىنغان بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تىۋىتتېردىن قىلغان سۆزىگە جاۋاب بەردى. ئەردوغان جاۋابىدا، «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت، ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى بولغان تېررورىزمنى مەغلۇپ قىلغىنىمىزدا يەنە نۇرغۇن جان قوتقۇزۇپ قىلىنغان بولىدۇ.  بۇ ئورتاق تىرىشچانلىقنىڭ رايونىمىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

دونالد ترامپ تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈركىيەدىن ياخشى خەۋەر بار. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەخمەت. سايىڭىزدا مىليونلىغان جان قۇتقۇزۇلغان بولدى» دېگەن ئىدى.

ۋەتەن گېزىتى، «چاۋۇشئوغلۇ ھەرىكەتنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەيئىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان جىددىي ئۇچرىشىشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە توختىلىپ، «بۈگۈنكى مۇزاكىرىلەردە ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ قەتئىىي ئىرادىلىك رەھبەلىكى نەتىجىسىدە خالىغانلىرىمىزنى ئالدۇق. تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ قوراللىرىنى يېغىۋىلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق. ھەرىكەتنى 120 سائەت توختىتىپ تۇرىدىغان بولدۇق. بۇ ئۇرۇش توختىتىش ئەمەس. ئۇرۇش توختىتىش دېگەن قانۇنلۇق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ئۇنسۇرلىرى پۈتۈنلەي چېقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ھەرىكىتىمىزنى توختاتساق بولىدۇ» دېدى. 

ھۆررىيەت گېزىتى، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

 دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ، جىنايەتنى تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئارتىپ قويۇشقا ۋە بۇ ھەقتە خاتا تونۇش پەيدا قىلىش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار كەلمەكتە» دېدى. خۇلۇسى ئاقار يەنە، «تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال تۈرلىرى ئارىسىدا خىمىيەلىك قورال يوقلۇقى ھەممەيلەن بىلىدىغان بىر ھەقىقەت» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى.

سىتار گېزىتى، «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا جىددىي مۇزاكىرە؛ بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى» سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، تۈنۈگۈن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندىر لاۋرېنتيېۋ ۋە ھەمراقىلىقى ھەيئەت بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. ئىبراھىم كالىن بىلەن لاۋرېنتيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە، تېررورلۇق تەشكلاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ئۈچۈن پەيدا قىلغىۋاتقان خەۋپلىرىنى توسۇش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

ساباھ گېزىتى، «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قىشلىق قۇرۇلمىسىغا ئېغىر زەربە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «كۈزلۈك ۋە قىشلىق تازىلاش ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، 118 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ھەرىكەت جەريانىدا تېررورچىلار ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇنلىغان غار، پاناھجاي ۋە ئىسكىلاتلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر