20.06.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1221833
20.06.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتچىسى ئاگنېس كاللاماردنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىش مەسىلىسىدە، جاۋابكارلاردىن ھېساب ئېلىشقا قارىتا تەۋسىيەلىرىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۇنجەلى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرىنىڭ، ۋىلايەت مەركىزىنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تۇنجى <چۈش> ناملىق ئايروپىلانىنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ «چۈش» ناملىق تۇنجى « Boeing 787-9 Dreamliner» تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىندى. 300 يولۇچى سىغىدىغان ئايروپىلاننىڭ بولۇپمۇ ئالاھىدە ئورۇندۇقلىرى دىققەت قوزغىدى.

25 – ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا بولىدىغان ئايروپىلان، تۈركىيەدە تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشىنى 8 – ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئىستانبۇلدىن ئانتالياغا ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «مارمارىستا چارلاش پاراخوتى ئارقىلىق ساياھەت قىلىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مالتا بايرىقى قادالغان « Horizon» ناملىق  چارلاش پاراخوتى، كۆپىنچىسى ئىسپانىيەلىكلەردىن تەشكىل تاپقان 1460 يولۇچىسى ۋە 615 كىشىلىك پاراخوت خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە مارمارىس پورتىغا يېتىپ باردى. يولۇچىلار تاموژنىدىكى رەسمىيەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، مارمارىس بازىرى، قەلئە ئىچى ۋە يات پورتىنى سەيلە قىلدى. ساياھەتچىلەرنىڭ بىر قىسمى چايخانىلاردا چاي – قەھۋە ئىچسە، يەنە بىر قىسمى بازاردا سودا – سېتىق قىلدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «رۇسىيەدە «تۈرك كىنو كۈنلىرى باشلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

رۇسىيەدە ئالدىنقى كۈنى موسكۋا يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىدا «<ساينت پېتېرسبۇرگ> تۈرك كىنو كۈنلىرى» پائالىيەتلىرى باشلاندى. پائالىيەتلەر داۋامىدا رۇسچە خەتلىك  7 فىلىم كىنو مەستانىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر