22.05.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1205926
22.05.2019

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆررىيەت گېزىتى، «سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدا چەت ئەللەرگە ئۇچۇش لېنىيەلىرىنىڭ سانى 128 گە چىقىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلانى يازدى:

ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودورۇمىدا يۇ يىل ئىچىلىدىغان 7 يېڭى چەت ئەل لېنىيەسى بىلەن چەت ئەللەرگە ئۇچۇش لىنىيەلىرىنىڭ سانى 128 گە چىقىدۇ.  ئايرودۇرۇمدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پېگاسۇس ھاۋا يوللىرى شىركىتى 28 مايدىن ئېتىبارەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى ئۇچۇشنى باشلايدۇ. 29 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن گوللاندىيەنىڭ ئېندھوۋېن شەھىرىگە ھەپتىدە 3 قېتىم، ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىگە 1ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ھەپتىدە 5 قېتىم ۋە ئىتالىيەنىڭ ۋېنېدىك شەھىرىگە ھەپتىدە 4 قېتىم قاتناشنى باشلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 8ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھىرىگە ھەپتىدە 4 قېتىم ئۇچۇشنى باشلايدۇ.

يېڭى شەپەق گېزىتى، كۆك بايراقلىق ساياھەتتە تولۇپ كېتىش نىسبىتى %100 گە چىقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

كۆك بايراقلىق ساياھەتنىڭ مەكىزىي بولغان ئەگە رايونىدا، كۆك بايراقلىق ساياھەتتە تولۇپ كېتىش نىسبىتى %100 گە چىقتى. تەتىل قىلغۇچىلارنى كۆك بايراقلىق ساياھەت قىلىدۇرىدىغان پاراخوت، كېمە ۋە كاتىرلاردىن باشقا يەنە، «ياغاچ ساراي» دەپمۇ باھا بېرىلگەن يەلكەنلىك پاراخوتلارنىڭ ھەممىسى 4ئىيۇندىن باشلىغانچە روزا ھېيت بويىچە ساياھەتچىلەرگە مۇزىمەت قىلىدۇ. 

خەبەر تۈرك گېزىتى، «ئەلىبابانىڭ پۇل تۆلەش مۇنبىرى <Alipay> تۈركىيەگە بازىرىغا كىردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

خىتاينىڭ ئىنتېرنېت سودا گۇرۇھى «Alibaba» نىڭ تارماق شىركەتلىردىن بىرسى بوزلغان پۇل تۆلەش مۇنبىرى «Alipay» تۈركىيەدە پائالىيەتلىرىنى باشلاش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن «Alipay» شىركىتى، يېڭى پۇل تۆلەش مۇنبىرى «ininal» شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەندىن كېيىن. تۈركىيەدە خىتاي ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋەتەن گېزىتى، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇ يىل خىزمەت ئىمكانىيىتىدە رېكورت يارىتىدىغان بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ھەمبەرھىرلەشتى:

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تەخمىنەن 66 مىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، 2019يىلى ئۈچۈن تەخمىنەن 8 مىڭ 430 كىشىنى خىزمەتكە ئېلىش پىلانى تۈزدى. بىراق تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى پىلاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيىدىلا 4600 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بولۇپمۇ ياز ئايلىرىدىكى يولۇچىلار نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، سەپكە قېتىلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ئايروپىلانلارنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ خادىملارغا بولغان ئېھتىياچ تېخىمۇ ئاشتى. قوشۇمچە ئېلىنىدىغان خادىملارنى قوشقاندا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇ يىل رېكوت يارىدۇ. ئىشقا ئالىدىغان خادىملارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ.

ساباھ گېزىتى، «ئارا گۈلۈرنىڭ فوتو سۈرەتلىرى پارىژدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى:  

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى تەرىپىدىن ئارا گۈلەر مۇزىيى ۋە ئارخىپ تەتقىقات مەكىزىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئاشقا ئاشۇرۇلغان «ئارا گۈلۈر كۆرگەزمىسى» ئارقىلىق (ئالدىنقى يىلى ۋاپات بولغان ئاتاقلىق فوتو سۈرەت سەنئەتچىسى ۋە فوتو سۈرەت مۇخبىرى) ئارا گۈلەرنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادىكى مۇھىم پايتەختلەردە تونۇشتۇرىلىدۇ. ئاپرىل ئېيىدا لوندون ساتچى يەرمەنكە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە زور قىزىقىش قوغىغان ئارا گۈلەر گۆرگەزمىسى 23مايدا فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى پولكا يەرمەنكە زالىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر