20.05.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1204264
20.05.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ مىللىي جەڭ ئايروپىلانى 2023 – يىلى ئۇۋىسىدىن چىقىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنى باشلىقى ئىسمائىل دەمىرنىڭ، مىللىي جەڭ ئايروپىلانىنىڭ ف-16 لارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، ئايروپىلاننىڭ ئومۇمىي لايىھەلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى تەكىتلىگەن دەمىرنىڭ، «ئايروپىلانىمىزنىڭ تۆۋەن سىستېمىلىرىگە ئالاقىدار خىزمەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئايروپىلانىمىز 2023 – يىلى ئۇۋىسىدىن چىقىدۇ» دېگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسمائىل دەمىر، پىلاننىڭ مۇئەييەن باسقۇچلىرىدا چەت ئەللىك شېرىكلەرنىڭ بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتقان.

«<ستار> گېزىتى»، «تۈركىيە شەرقىي ئاق دېڭىزدا ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «بىز بىرلا بولىدىغان، جانلىقلا بولىدىغان بولساق، ھېچكىم بىزنى نىشانىمىزغا يېتىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەن مىنىستىر دۆنمەز سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شەرقىي ئاق دېڭىزدا دۆلىتىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلدۇق، مۇھاپىزەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «ئاسىيادىن تۈركىيەگە 466 مىليون دوللارلىق سېلىنما» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، 2018 – يىلىنىڭ مارت ئېيىدا 835 مىليون دوللار بولغان چەت ئەلدىكىلەرنىڭ تۈركىيەدىكى بىۋاسىتە سېلىنملىرىنىڭ 2019 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 820 مىليون دوللار بولغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، بۇ مەزگىلدە تۈركىيەگە كىرگەن بىۋاسىتە سېلىنمىنىڭ  466 مىليون دوللىرىنىڭ ئاسىيالىق، 342 مىليون دوللىرى ياۋروپالىق، 10 مىليون دوللىرى ئامېرىكىلىق ۋە 2 مىليون دوللىرى بولسا، ئافرىقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلاردىن كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەگە مارت ئېيىدا سېلىنغان بىۋاسىتە مەبلەغنىڭ %56.8 ى ئاسىيالىق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىگىلىگەن.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «تارىخىي ۋە مەدەنىي بايلىقلار ساياھەتچىلىككە خىزمەت قىلدۇرۇلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نادىر ئالپئاسلاننىڭ، تۈركىيەنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيانىڭ تەڭداشسىز بايلىقىغا ئىگە بىر خەزىنىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ بۇ زېمىنلاردا باشلىنىپ بۈگۈنگىچە تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئالپئاسلان، بۇ تارىخىي مۇساپىدە ئىنسان ئەۋلادىنىڭ تەڭداشسىز ئەسەرلىرىنى بۇ زېمىنلاردا قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يادىكارلىقلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش جەھەتتە ئىنتايىن سەزگۈرلۈك بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان ئالپئاسلان، بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ئىرام يامان تارىخ يازدى! ئىككىنچى قېتىم دۇنيا چېمپىيونى (بولدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۇنيا تەكۋاندو چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە مىللىي تەنھەرىكەتچى ئىرەم ياماننىڭ، ئاياللار 62 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە، ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاياللار 62 كىلوگىراملىقلار تۈرى بويىچە مەيدانغا چۈشكەن ئىرەم ياماننىڭ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرازىلىيەلىك كارولىنا سانتوس بىلەن ئېلىشىپ، رەقىبىنى 7 گە قارشى 21 نەتىجە بىلەن يېڭىپ دۇنيا چېمپىيونى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىرەم ئىككى قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان تۇنجى تۈرك ئايال تەكۋاندوچى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر