14.05.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1200536
14.05.2019

سىتار گېزىتى «ئاتماجا ناملىق راكېتامىيوت پۈتۈپ چىقىشقا ئاز قالدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «يۇقىرى تېخنىكىلىق ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى دېڭىز ئاستى راكېتامىيوتى 1 ۋە 1 يېرىم يىل ئىچىدە پاراخوتلارغا ئورنىتىلىشقا باشلىنىدۇ. ھەر  قانداق ھاۋا رايىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئاتماجا ناملىق راكېتامىيوت ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ، نىشاننى ئاسان پەرق ئېتىش، تىز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ۋەزىپىنى تېز سۈرئەتتە ئورۇنداش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە سىستېمىلار تۈرتكىسىدە ئۆزگىرىشچان نىشانلارنىمۇ بىر تەرەپ قىلالايدۇ.»

ھۈررىيەت گېزىتى «تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇلتۇر يانفون پىروگراممىسىدىن 4 مىليون 100 مىڭ بېلەت ساتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇلتۇر يانفون پىروگراممىسى ئارقىلىق 4 مىليون 100 مىڭ دانە بېلەت ساتتى، كۆپ خىل ئالاھىدىلىكى بولغان ۋە ئىشەنچىلىك ساياھەت قوللانمىسىغا ئايلانغان يانفون پىروگراممىسى، بۇلتۇر 75 مىليون 200 مىڭ يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلغان تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە زور قولايلىق ئېلىپ كەلمەكتە.»

ھابەر تۈرك گېزىتى «قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورتىدا <ئۇزاق شەرق>بەرىكىتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورتىدا <ئۇزاق شەرق>نى بازار قىلىپ بېكىتتى، يىللاردىن بۇيان بۇ چوڭ بازارغا قىلىنغان ئېكسپورتنىڭ مىۋىسى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورتى دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان خىتايغا %120، ياپونىيەگە %87 ئاشتى.»

ساباھ گېزىتى «رۇسلار ئانتالياغا سەلدەك ئاقتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «رۇس ساياھەتچىلىرى ئانتالىيادىكى تارىخى ماكان قەلئەئىچى رايونىنى ئەڭ كۆپ كەزمەكتە، قەلئەئىچى رايونى رۇس ساياھەتچىلەر بولۇپ يازلىق تەتىل ئۈچۈن ئانتالىيانى تاللىغانلار تۇنجى بولۇپ كېزىدىغان رايونغا ئايلاندى. ساياھەتچىلەر تار ۋە كىچىك كوچىلىرى بولغان، تاختاي ئۆيلەر بىلەن تولغان قەلئەئىچى رايونىنى تولىمۇ ياقتۇرىدۇ.»

ۋاتان گېزىتى «دېيۋىد گاررېت ئىستانبۇلغا كېلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دۇنياغا مەشھۇر نېمىس مۇزىكانت دېيۋىد گاررېت 21-سېنتەبىردە ئىستانبۇلدا كونسېرت بېرىدۇ، مەشھۇر مۇزىكانت < تۈگىمەس ھايات>پائالىيىتى دائىرىسىدە تۈركىيەگە كېلىدۇ.»


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر