15.04.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1183333
15.04.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ساباھ> گېزىتى»، «ئىراقنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت (ئېلىپ بېرىلدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان نىشانلارنىڭ  يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ،  «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ، ئاۋاشىن – باسيان، خاكۇرك ۋە قاندىل رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىستىھكام، ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان جايلار يوقىتىپ تاشلاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تارىخىي كۆچۈشتىن كېيىن 1 مىليوندىن ئارتۇق يولۇچى توشىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى باش مۇدىرى بىلال ئەكشىنىڭ زور كۆلەملىك كۆچۈشتىن كېيىنكى يېڭى مەركەزلىرى بولغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا كۈتۈۋالغان يولۇچىلار سانىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەكشى، «زور ھەجىملىك كۆچۈشتىن باشلاپ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قونۇش – قوزغىلىش بولۇپ 4862 قېتىملىق قاتناش ئارقىلىق جەمئىي 841915 يولۇچى توشىدۇق. تۈنۈگۈنكى يولۇچىلىرىمىز بىلەن بىر مىليوندىن ھالقىپ كەتتۇق. ياخشى كېتىۋاتىدۇ، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەن.

«<ستار> گېزىتى»، «ساياھەتچىلەر 2017 – يىلى تۈركىيەدە 22 مىليارد 500 مىليون دوللار خىراجەت قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ساياھەتچىلەر 2017 – يىلى تۈركىيەدە 22 مىليارد 500 مىليون دوللار خىراجەت قىلدى. كانادا مەركەزلىك Visual Capitalist شىركىتى، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ پۇل خەجلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر 2017 – يىلى تۈركىيەدە 22 مىليارد 500 مىليون دوللار خىراجەت قىلغان.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «بەختلىك شەھەر سىنوپ 1 مىليون ساياھەتچى نىشانىنى زورايتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ 2014 ۋە 2016 – يىللىق تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ ئەڭ بەختلىك شەھىرى دەپ قارالغان ۋە ئۆتكەن يىلى 1 مىليون ئادەم زىيارەت قىلغان سنوپقا بۇ يىل تۇنجى بولۇپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ گۈل – چېچەكلەر بىلەن كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە،  ساياھەتچىلەرنىڭ، سىنوپنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە تارىخىي ماكانلىرىغا قىزىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، سىنوپ دېڭىزى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان قۇملۇق ساھىللىرى، خامسىلوس تەبىئەت باغچىسى، تاتلىجا شارقىراتمىلىرىغا ئوخشاش تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە تارىخىي سىنوپ تۇرمىسى، قېزىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بالاتلار خارابىلىكى ۋە قىيالىقلاردىكى مازارلىقلىرىنىڭمۇ دىققەتنى تارتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «گالاتاپورت دۇنياغا تونۇتۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن مۇلازىمەتچىلەر بولۇپ جەمئىي 1 يېرىم مىليون يولۇچىغا خىزمەت قىلىدىغان ئىستانبۇلنىڭ بىردىنبىر ئاساسىي پورتى گالاتاپورتنىڭ، 2019 – يىللىق Seatrade Cruise Global يەرمەنكىسىدە تونۇتۇلۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ساياھەت پاراخوتلىرى شىركەتلىرىنىڭ دىققىتىنى ئىستانبۇلغا بۇرىغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، 113 دۆلەتتىن 643 شىركەت ۋە 11 مىڭ تەمىنلىگۈچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر يەرمەنكىدە، دۇنيانىڭ چوڭ شىركەتلىرىگە ئىستانبۇل ۋە 2020 – يىلى مارتتا ئېچىلىدىغان گالاتاپورتنىڭ تونۇتۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر