01.04.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1174608
01.04.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ساباھ> گېزىتى»، «دۇنيا لىدىرلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى»  سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر ۋۇجىچ، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى باشلىقى مىلوراد دودىك ۋە دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى باكىر ئىززەتبېگوۋىچ، ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما بىلەن گىنە پىرېزىدېنتى ئالفا كوندېنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، مەھەللىي سايلاملاردا %51 دىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن 405 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى يۆتكىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى باش مۇدىرى بىلال ئەكشىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ئورتاقلىشىپ، «<زەپەر ئابىدىسى> ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا 405 مىڭدىن ھالقىدۇق. 6 – ئاپرېلدا كۆچىدىغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا بۈگۈنگىچە 3214 قېتىم قاتناپ، 405 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچىمىزغا مۇلازىمەت قىلدۇق. چوڭ لايىھەلەر سايىسىدا 2023 نىشانلىرىمىزغا يېتىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇمى بولغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 2018 – يىلى 29 – ئۆكتەبىردە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنىدى.

«<ستار> گېزىتى»، «يېڭى يەرلىك سىستېما ئارقىلىق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پەرقلىق دېڭىزلاردا بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى سەپلەندى»  سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈرك ئىنژېنېرلارنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ دېڭىز ئارمىيەسى قارمىقىدىكى بارلىق پاراخوتلارنى ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىغان ADVENT سىستېمىسى ئىجاد قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ سىستېما سايىسىدا قارا دېڭىز بىلەن مارمارا دېڭىزىدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەت ئېلىپ بارالايدىغان بولۇپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بارلىق پاراخوتلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىنىدىكەن.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ياسىلىۋاتقان ۋە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ياسىلىدىغان بارلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىغىمۇ يېڭى ئەۋلاد ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش سىستېمىسى ADVENT سەپلىنىدىكەن.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «تەبىئىي تاش ئېكسپورتى 25 يىلدا 33 ھەسسە ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنى يىللىقى 2 مىليارد دوللار تاشقى پېرېۋوتقا ئىگە قىلىدىغان تۈرك تەبىئىي تاش ساھەسىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى يەرمەنكىسىنىڭ بىرى بولغان MARBLE ئىزمىر يەرمەنكىسىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلارچە ئىمپورتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يەرمەنكىگە 209  چەت ئەل شىركىتى بولۇپ، جەمئىي 1100 گە يېقىن شىركەتنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، دۇنيا زاپىسىنىڭ %35 ىگە ئىگە تۈركىيەنىڭ 2 مىليارد دوللار مىقدارىدىكى تەبىئىي تاش ئېكسپورتىنىڭ 7 مىليارد دوللارغا چىقىرىلىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ئەنگلىيە گېزىتى: قارا دېڭىز تائاملىرىنىڭ تەمى تامغىقىمىزدا قالدى، دەپ يازدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن «The Fuardian» نىڭ ساياھەت يازغۇچىلىرىدىن كارولىنې ئېدېننىڭ، قارا دېڭىزنى كېزىپ، بۇ رايوننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تائاملىرىنى تونۇتقانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، كارولىنې ئېدېننىڭ ئىستانبۇلدىن تاشيول ئارقىلىق بارغان قارا دېڭىزدا تەۋسىيە قىلىنغان بارلىق تائاملارنى يەپ كۆرۈشكەن تىرىشچانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قارا دېڭىز تائاملىرىنىڭ ھەم مەززىلىك ۋە ئەرزان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئېدېن، دۇنياغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان پىندىقنىڭ %70 ىنىڭ بۇ رايوندىن چىقىدىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، پىندىق ئارىلاشتۇرۇلغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغانلىقىنى يازغان ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «قارا دېڭىز تائاملىرىنىڭ تەمى تامغىقىمىزدا قالدى» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر