19.03.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1166401
19.03.2019

ۋاتان گېزىتى «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ترويا مۇزېيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ترويا مۇزېيىنىڭ چاناككالەنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن قايتىدىن جەلپ قىلارلىق مەركەزگە ئايلاندۇرۇش لايىھەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەردوغان تۈنۈگۈن چاناككالەدە ترويا مۇزېيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئېچىلىش مۇراسىمىدا 5000 يىللىق ئۆتمۈشى بولغان ترويانىڭ ب د ت پەن-مائارىپ ۋە مائارىپ ئورگىنى تەرىپىدىن 1998-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن مۇھىم جايلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان، 2018-يىلىنىڭ <ترويا يىلى>ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە ترويانىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا تونۇشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.»  

ساباھ گېزىتى «ھۇلۇسى ئاكار يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ۋەقەسى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئىسلام ۋە تۈرك دۈشمەنلىكى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشمەنلىكى ۋە ئسىلام ئەندىشىسى خاھىشىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مىنىستىر ئاكار چاناككالە شېھىتلار خاتىرە مۇنارىدا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن 18-مارت شېھىتلارنى خاتىرلەش كۈنى ۋە چاناككالە غەلبىسىنىڭ 104-يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلغاندا: يېڭى زېلاندىيەدە ئۆتكەن جۈمە كۈنى 50 ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈستىدە توختىلىپ: ئىرقچى، دىنچى ۋە تەشكىلىي تۈسكە ئىگە بولغان بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭغا يانتاياق بولغۇچىلارغا لەنەت ئوقۇيمەن، دېدى.»

ھابەر تۈرك گېزىتى «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى بۇ ئايمۇ ئاشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «تۈركىيە بۇ يىل يانۋاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كۆپلەپ مەھسۇلات ئېكسپورت قىلدى. ياۋروپا ستاتىستىكا ئىشخانىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىنىڭ بۇ يىل يانۋار ئېيىدىكى خەلقئارا سودا ئومۇمىي سوممىسى توغرۇلۇق سانلىق-مەلۇمات ئېلان قىلدى. سانلىق-مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇلتۇر يانۋار ئېيىدا تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 7 مىليارد 700 مىليون ياۋرو قىممىتىدە مەھسۇلات ئىمپورت قىلغان بولسا، بۇ يىل يانۋار ئېيىدا 5 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە مەھسۇلات ئىمپورت قىلغان، 2018-يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا ياۋرو ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە 6 مىليارد 500 مىليون ياۋرو قىممىتىدە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان بولسا، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە 6 مىليارد 800 مىليون دوللارغا مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان.»

ھۈررىيەت گېزىتى «ئىستانبۇل نوپۇس جەھەتتە 131 دۆلەتتىن ئېشىپ كەتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «نوپۇس جەھەتتە تۈركىيە بويىچە ئەڭ كۆپ نوپۇسى بولغان ئىستانبۇل 15 مىليون 67725مىڭ نوپۇسى بىلەن دۇنيادىكى 131دۆلەتتىن ئېشىپ كەتتى. تۈركىيە ستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندنىڭ سانلىق-مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 82 مىليون 3882 نوپۇسى بولغان تۈركىيە نوپۇسىنىڭ %18.4نى ئىستانبۇلنىڭ نوپۇسى تەشكىل قىلغان. بېلگىيە، گىرېتسىيە، ئاۋسترىيە، شىۋېتسارىيە ۋە بۇلغارىيە قاتارلىق 131 دۆلەتنىڭ نوپۇسى 5 يىلدا ئاران %6.4 ئېشىپ ، نوپۇسى 15 مىليون 67724كە يەتكەن ئىستانبۇلنىڭ كەينىدە قالغان.»

سىتار گېزىتى «< T129  >تىپلىق ئاتاك ناملىق تىكئۇچار لاتىن ئامېرىكادا يەرمەنكىگە قويۇلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈرك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائەت ئىدارىسى خادىملىرى جەنۇبىي ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى ھېسابلىنىدىغان ۋە بۇ يىل 2-5ئاپرېل كۈنلىرى بىرازىلىيەنىڭ رىيو دې جانېيرو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرازىلىيە مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ. < T129ئاتاك > تىپلىق تىكئۇچار يەرمەنكىدىن ئىلگىرى بىرازىلىيە مەسئۇللىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلىنىدۇ.»


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر