12.03.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1161429
12.03.2019

سىتار گېزىتى «كۇۋەيت خەلقى دۇنيا لىدېرلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بەك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ياخشى كۆرىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى چۈشەنچە ئىنستىتۇتلىرىدىن بىرى بولغان ۋاشىنگىتون ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن كۇۋەيت خەلقى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيا لىدېرلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرۈلگەن لىدېر سايلانغان. كۇۋەيت گېزىتى <ئەلقاباس>تەرىپىدىن خەۋەرلەشتۈرۈلگەن راي سىناش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى <كۇۋەيتلىكلەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن خاپا لېكىن ئەردوغاننى ياخشى كۆرىدۇ>سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئېلان قىلىندى. ئاران%5  كۇۋەيتلىكلەرنىڭ دونالد ترامپنى ياقتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە، %64 كۇۋەيتلىكلەرنىڭ ئەردوغاننى ياخشى كۆرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.»

ساباھ گېزىتى «تۈركىيەنىڭ تارىخىنى نامايەن قىلىدىغان 6 مىليون پارچە كىتاب»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن 6 مىليون پارچە كىتاب بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن تۈركىيە بويىچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدىغان رامى قىشلاسى  كۇتۇپخانىسىنى رېمونت قىلىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. بۇ كۇتۇپخانىغا 10 مىليون پارچە كىتاب قويۇلىدىغانلىقى، كۇتۇپخانىنىڭ ھويلىسىدا كۆرگەزمە ۋە ئېكسكۇرسىيە زاللىرى سېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. كۇتۇپخانىدا ئوقۇرمەنلەر ۋە زىيارەتچىلەر ئۈچۈن يەنە قەھۋەخانىدىن دەم ئېلىش ئورۇنلىرىغىچە، سوۋغات بۇيۇملىرى دۇكانلىرىدىن ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ياسىلىدىغان، تونۇشتۇرۇلىدىغان ۋە سېتىلىدىغان ماكانلارغىچە بولۇپ نۇرغۇن جاي بولىدۇ.»

ھۈررىيەت گېزىتى «ھارمانكايا شاقىراتمىسى تەنتەربىيەگە ئىشتىياقى بارلارنى كۈتمەكتە»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دۈزجە ۋىلايىتىنىڭ جۇمايەرى ناھىيەسىدە تەبىئەتسۆيەرلەر تەرىپىدىن بايقالغان ۋە ئارقىدىن ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن ھارمانكايا شاقىراتمىسىغا  600 مېتىرلىق ئارغامچىلار  ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تەخمىنەن ئىككى يىل يىلگىرى تەبىئەتسۆيەرلەر تەرىپىدىن بايقالغان بۇ شاقىراتما، دۈزجە ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. شاقىراتما تۈركىيە بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان مەلەن ئۆستىڭىگە تۇتۇشىدۇ. ھارمانكايا شاقىراتمىسى ۋە ئەتراپىدا تۈرلۈك تەبىئەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.»

يېڭ شەپەق گېزىتى «زۇگما ۋە گۆبەكلىتەپە رەسىملىرى پەرداز بۇيۇملىرىغا چۈشۈرۈلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «گازىئانتەپتىكى زۇگما قەدىمىي شەھىرى ۋە تارىخنىڭ نۆل نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان شانلىئۇرفادىكى كۆبەكلىتەپە رەسىملىرى، گازىئانتەپ ئىنىستىتۇتىدا پەرداز بۇيۇملىرىغا چۈشۈرۈلمەكتە.  مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ قارىمىقىدىكى زەگەرچىلىك دۇكىنىدا زۇگما  رەسىملىرى ۋە گۆبەكلىتەپەدىكى قىيالارنىڭ ئۈستىدىكى رەسىملەردىن ئىلھام ئېلىنىپ ياسالغان زىببۇ-زىننەتلەر ئاياللارنىڭ بارماقلىرىنى، بويۇنلىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى بېزەيدۇ. زىببۇ-زىننەت دۇكانلىرىدا يەنە بولۇبكا، ئۈزۈك، ھالقا قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارمۇ بار، بۇنىڭدىن باشقا بۇ دۇكانلاردا كېيىنچە ئۆيلەردە ئىشلىتىلىدىغان پەرداز بۇيۇملىرىمۇ سېتىلىدۇ.»

ھابەر تۈرك گېزىتى «قابىل ياشلار سەھنىلەردىن ئورۇن ئالماقتا»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «خەلقئارا قابىل ياشلار مۇزىكا مۇسابىقىسىغا قىزىۋاتقانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە، ئۆزىنى مۇزىكا بىلەن ئىپادىلىيەلەيدىغان، مۇزىكا قابىليىتى بولغان ياكى مەخسۇس تەربىيەگە ئېھتىياجلىق ياشلار بۇ مۇسابىقىگە ھەقسىز قاتنىشالايدۇ. پەرقلىق ئۆگىنىش ئېھتىياجلىرى بولغان قابىل ياشلار <ھەممىمىز مۇزىكانتمىز>دېگەن شوئار ئاستىدا قابلىيەتلىرىنى جارى قىلدۇرپ، مۇزىكا ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ. ئاخىرقى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2019-يىلى 31-مارت كۈنى بولغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا قابىل ياشلار مۇزىكا مۇسابىقىسىدا نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلەرگە 14-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپات تارقىتىپ مۇراسىمىدا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلىدۇ.»


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر