07.03.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1158601
07.03.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى مەسىلىسىدە ئاللىقاچان كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بولغانلىقلىرىنى، شۇڭا رۇسلار بىلەن بىرلىكتە <500 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ياساپ چىقىش ئېھتىماللىقلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە ئاللىقاچان رۇسلار بىلەن پۈتۈشۈپ بولغانلىقلىرىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىدە كەينىگە چېكىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ئاللىقاچان كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بولدۇق، شۇڭا، بۇ مەسىلىدە كەينىمىزگە چېكىنىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، بەلكى رۇسلار بىلەن بىرلىكتە <500 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ياساپ چىقىشىمىز مۇمكىن.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ 242 باش ئەلچىخانا ۋە باش كونسۇلخانا بىلەن دۇنيا بويىچە 5 – ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن «17 – سېنتەبىر ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاب قىلغاندا، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ھەققىدە توختالدى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 242 باش ئەلچىخانا ۋە باش كونسۇلخانا بىلەن دۇنيا بويىچە 5 – ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئادالەتلىك ۋە پىرىنسىپلىق پوزىتسىيە تۇتمىغان تەقدىردە، ھەرىكەتچانلىقنىڭ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، چۈنكى قۇرۇق گەپلەرنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بۈگۈنكى كۈندىكى يەر شارى خاراكتېرلىك تۈزۈمنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ نىشانلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، تۈنۈگۈن تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىشانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمى توغرۇلۇق ئېلان قىلغىنان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ مەتىنا، زاپ، ئاۋاشىن – باسيان ۋە ھاقۇرق رايونلىرىغا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرى، پاناھ جايلار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»،  «تۈركىيەنىڭ تۇنجى غالجىر كېسەللىكى ئانتىسېۋوروتكاسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ تۇنجى غالجىر كېسەللىكى ئانتىسېۋوروتكاسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، ئەسكىشەھىردە دۆلەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئايال كارخانىچىلاردىن تەشكىل تاپقان «40 پەرىشتە كارخانىچى» تەرىپىدىن قۇرۇلغان ALBİLA  سېرۇم بىئولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار سودا – سانائەت شىركىتىنى زىيارەت قىلدى.

ۋارانك بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ تۇنجى غالجىر كېسەللىكى ئانتىسېۋوروتكاسىنىڭ 2019 – يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ سايىدا تۈركىيە غالجىر كېسەللىكى ئانتىسېۋوروتكاسى ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن چىقىم قىلىۋاتقان قانچە ئون مىليون دوللارنى تېجەپ قالالايمىز.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بېرلىندىن ئادانا ۋە گازىئانتەپكە بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى مەسئۇللىرى، گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىن ئاداناغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ 2 – ئاپرېل كۈنى، گازىئانتەپكە بىۋاسىتە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ بولسا 5 – ئاپرېل كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بېرلىندىن ئاداناغا   ياز مەۋسۇمى بويىچە ھەپتىدە بىر قېتىم ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. بېرلىندىن گازىئانتەپكە بولسا،  ھەر ھەپتە جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى ھەر ئىككى تەرەپكە قارىتا ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر