25.01.2019

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1133120
25.01.2019

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ۋەتەن گېزىتى، «ئەردوغان "بىزنىڭ سۈرىيەدە ئىشغالىيەت دەردىمىز يوق" دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىكنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان بىردىن بىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەردوغان ئەنقەرەدىكى ھەربىي مەكتەپتە ئاتلاس ۋە يەرشارى پىروگراممىلىرىنى تونۇتۇش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، «بىزگە 780 مىڭ كىۋادىرات كېولمېىتىرلىق زېمىنىمىز يېتىدۇ» دېدى ۋە سۈرىيە چېگراسىدا قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان بىخەتەر رايون ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىشغالىيەت دەردى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «مەۋلۈت چاۋۇشئۇغلۇ ۋېنېزۇئېلا ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنېزۇئېلادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدە توختىلىپ، بەزى لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ قېيىن مەزگىللەردە ۋېنېزۇئېلا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە توپ ئاتار تانكىلار تەل رىفاتتىكى 12 نىشاننى پاچاقلاش تاشلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەل رىفات ناھىيەسى ئەتراپىدا شەيخ ئىسا ۋە ھاربىل يېزىلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ نىشانلىرىنى توپ ئاتار تانكىلار بىلەن پاچاقلاپ تاشلىدى. فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونىغا جايلاشقان تۈركىيە قىسىملىرى ئافرىننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تەل رىفات ناھىيەسىگە قاراشلىق شەيخ ئىسا يېزىسى بىلەن مارە ناھىيەسىگە قاراشلىق جەنۇبتىكى ھاربىل يېزىسىدىكى تېررورچىلارنىڭ بازىلىرىغا 12 توپ ئوقى ئاتتى.

ساباھ گېزىتى، «مىنىستىر ئالبايراق داۋوستا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق شىۋېيىتسارىيەنىڭ داۋوس يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 49نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى دائىرىسىدە فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرى بىرۇنو لې مايرە، گېرمانىيە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى پېتېر ئالتمايېر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا تۈركىيە بىلەن مەزكۇر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىىسادى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇردى.

سىتار گېزىتى، «50 دۆلەتكە ئافيونقارھىساردا ئىشلەپچىقىرىلغان 300 خىل يومشاق كەمپۇت ئېكسپورت قىلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

ئەفيۇنقاراھىساردا ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار ۋە زامانىۋىي تېخنىكىنى بىرلەشتۈرگەن بىر شىركەت 4 قىتئەدە 50 دۆلەتكە ئافيونقارھىساردا ئىشلەپچىقىرىلغان 300 خىل يومشاق كەمپۇت ئېكسپورت قىلماقتا. شىركەتنىڭ ئېكسپورت ئىشلىر مۇدىرى مەرۋە چاكىجى: «بىز ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر ھازىر ياۋروپا ۋە دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىدۇر. بۇ دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ فىندىق (ئورمان ياڭېقى) پىستە، بادام ۋە مىۋە ئارىلاشتۇرۇلغان يۇمشاق تاتلىق - تۈرۈملەرنى يوللىماقتىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر