09.10.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1064884
09.10.2018

ستار گېزىتى «مۇداپىئە سانائىتىدە 560 مىليون دوللارلىق ھەربىي ئاپپارات ئىشلەپچىقىرىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «مەدەنچىلىك ۋە سانائەت قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ كېلىۋاتقان <ئەتى ئالىيۇمىن>گۇرۇھى ئامېرىكا، خىتاي، گېرمانىيە ۋە ۋېنگىرىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىپ كېلىنىۋاتقان <سۈزۈك ھەربىي ئاپپاراتى>نى تۈركىيەدىمۇ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. تۈرك ئىنژېنېرلىرى لايىھەلەپ چىققان بۇ ئاپپارات ئارقىلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرى، ئايروپىلانلار، ھەربىي ماشىنىلار ۋە راكېتامىيوتلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە ئالىيۇمىن قىيىنچىلىقى ھەل بولىدۇ.»

ۋاتان گېزىتى «تۈركىيەگە 100 مىليون دوللارلىق مەبلەغ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «پولات-تۆمۈر ۋە كۆۋرۈك قۇرۇلۇشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىنىۋاتقان شىۋېتسىيە شىركىتى تۈركىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېلىشنى پىلانلىغان 100 مىليون دوللارلىق مەبلەغنى تۈركىيەگىلا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 30يىلدىن بۇيان ياۋروپا بازىرىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىنىۋاتقان <ۋىياكون>شىركىتى تۈركىيەنى مەركىزى بازا قىلىپ 50 دۆلەتتىكى تارماق شىركەتلىرىنى تۈركىيەدىن باشقۇرىدۇ.»

يېڭى شەپەق گېزىتى «ئەرەب ساياھەتچىلىرى ترابزون ئىقتىسادىنى جانلاندۇردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «ترابزون سودا-سانائەت ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش پائالىيىتىدە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت جەريانىدا ئوتتۇرىچە 2340 دوللار چىقىم قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇيۇشما تەرىپىدىن ترابزون ئايرودۇرۇمى خەلقئارا لىنىيەلەر كىرىش بېكىتىدە زىيارەتچىلەرنىڭ رايى سىنالدى. راي سىناش پائالىيىتىدىن چىققان نەتىجىلەرگە قارىغاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ %81.5ى تولىمۇ مەمنۇن ، %16.9سى مەمنۇن ، %1.6سى ئوتتۇراھال مەمنۇن ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت ترابزونغا قىلغان ساياھىتىدىن مەمنۇن بولمىغانلار يوق ئىكەن. »

ساباھ گېزىتى «دۇنيا چولپانلىرى ياقتۇرىدىغان كاتېر بودرۇمدا  » سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جېنىفېر لوپېز، ھېيدى كىلۇم، جۇلىيا روبېرتىسقا ئوخشاش دۇنياغا مەشھۇر چولپانلار تولىمۇ ياقتۇرىدىغان <كلاۋۇد بىرېيىك > ناملىق ھەشەمەتلىك كاتېر،مۇغلانىڭ ساياھەت <جەننىتى>ھېسابلىنىدىغان بودرۇم ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى. كاتېردىكى تىك ئۇچار پات-پات بودرۇم ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدى، كاتېرنىڭ 1 ھەپتىلىك ئىجراسىنىڭ 1 مىليون 100 مىڭ دوللار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت كاتېرلاردىن بىرى بولغان <كلاۋۇد بىرېيىك>تا سۇ كۆلچىكى، تەر مۇنچىسى، بەدەن ئۇۋۇلاش ئۆيى، كىنوخانا ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش زالى قاتارلىقلار بار. بىرلا ۋاقىتتا 40 ئادەم دەم ئالالايدىغان كاتېرنىڭ باھاسى 200 مىليون دوللار ئىكەن. كايمان ئاراللىرى بايرىقى ئېسىلغان بۇ كاتېرنىڭ بودرۇمدا قانچە كۈن تۇرىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.»

ھابەرتۈرك گېزىتى «تۈرك پۇتبولچى جەنگىز ئۈندەرنى بايرېن كوماندىسىدىن باشقا يەنە بىر كوماندا تەلەپ قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئىتالىيەنىڭ رىم كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان تۈرك پۇتبولچى جەنگىز ئۈندەر توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىتالىيە تاراتقۇلىرى جەنگىز ئۈندەرنى گېرمانىيەدىكى داڭلىق پۇتبول كوماندىسى بايرېن مۇنىخ تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. <كوررې دېللو تەنتەربىيە گېزىتى>نىڭ  بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە كۆرە، 21 ياشلىق جەنگىز ئۈندەرنى ھەم بايرېن مۇنىخ ھەمدە بورۇسسىيا دورتمۇند تەلەپ قىلىۋاتقان ئىكەن. خەۋەردە رىم پۇتبول كوماندىسىنىڭ جەڭگىز ئۈندەر ئۈچۈن ئەڭ ئاز 60 مىليون  ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.»


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر