02.10.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1060339
02.10.2018

ساباھ گېزىتى: «تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىغا تۈنۈگۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 4 تېررروچى بىر تەرەپ قىلىنغان.»

ھۈررىيەت گېزىتى: «مەشھۇر تارىخچى ئىلبەر ئورتايلى كىتابلىرىنى ئىئانە قىلدى » سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەشھۇر تارىخچى ئىلبەر ئورتايلىنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، پىروفېسسور دوكتور ئورتايلى شەخسىي كىتابلىرىنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىغا ئىئانە قىلىۋەتكەن. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تۈركىيە بويىچە ئەڭ چوڭ كۈتۈپخانىغا ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۇتۇپخانىسىغا كىتابلىرىنى ئىئانە قىلىۋەتكەن مەشھۇر تارىخچى ئىلبەر ئورتايلىغا رەھمەت ئېيتقان. تارىخچى، تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى پىرو فېسسور دوكتور ئىلبەر ئورتايلى 2017-يىلى تارىخ پەنلىرى بويىچە جۇمھۇر رەئىسلىك مەدەنىيەت-سەنئەت مۇكاپاتىغىمۇ لايىق كۆرۈلگەنىدى.»

ۋاتان گېزىتى: «ئانتالياغا رۇس ساياھەتچىلەر سەلدەك ئاقتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ساياھەتچىلىكتە بۇ يىلمۇ رېكورت ياراتقان ۋە سېنتەبىرنىڭ ئاخىردىن باشلاپ ساياھەتچى سانى 11 مىليون 117مىڭ 460مىڭغا يېتىپ يەنە بىر رېكورت ياراتقان ئانتالياغا ئەڭ كۆپ رۇس ۋە ئىنگىلىز ساياھەتچىلەر كەلگەن. شەھەرگە 9 ئاي ئىچىدە 4 مىليون 134مىڭ 102 رۇس، 531 مىڭ 89 ئىنگىلىز ساياھەتچى كەلگەن.»

سىتار گېزىتى: «ئاسەلساننىڭ سۇ ئاستى قورالى <تورك>دېڭىز سىناقلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۈگەتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئاسەلسان شىركىتى دۇنيا بويىچە چەكلىك ساندا ئىشلەپچىقرىلىۋاتقان ۋە كەلگۈسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سۇ ئاستى قوراللىرىدىن بىرى بولۇشى مۆلچەرلىنىۋاتقان <ھارد كىل تورپىدۇ> ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلىپ بارماقتا. شىركەت تۈركىيە پەت-تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى دائىرىسىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تورپىدوغا قارشى مۇداپىئە تورپىدوسى <تورك>نىڭ مودېلىنى ئىشلەپچىقىرىپ سىناق قىلىشقا باشلىدى. <تورك>تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم يەرلىك تېخنىكىلار بىلەن لايىھەلەپ چىقىلغان <سونەر چارلاش>ئۈسكۈنىسى بىلەن ئېلىپ بارغان دېڭىز سىناقلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاپ چىقتى.»

يېڭى شەپەق گېزىتى: «مىدېتسىنا ساھەسىدە نەتىجە ياراتقان 100 تۈرك ئىچىدە تۇنجى رەتتە ئەزىز سانجار ئورۇن ئالدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: « <مىدېتسىنا ساھەسىدە نەتىجە ياراتقان 100 تۈرك تىزىملىكى>گە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن 46 تەتقىقاتچى كىردى.  بۇ تىزىملىكنىڭ ئەڭ بېشىدىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار ئورۇن ئالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر