تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 19.01.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

892202
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 19.01.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساباھ گېزىتى، «ئامېرىكىنىڭ بېشى ئايلىنىپ قالدى، بىراق بىزنىڭ پوزىتسىيەسىمىز ئېنىق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم سۈرىيە چېگراسىدا تېررورلۇق قوشۇنى قۇرۇشقا ئالاقىدار ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئەتكەسچىلىككە ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش باشقارمىسى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقىلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ رايوندا تاشلاۋاتقان قەدەملىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئۈچ كۈن ئىچىدىلا بىر – بىرىنى يالغانغا چىقىرىدىغان بىر مۇنچە باياناتلار كەلدى. بۇ بېشى ئايلىنىپ قالغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. بىراق تۈركىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسى روشەن ۋە ئېنىقتۇر» دېدى ھەمدە تېررورلۇق قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقلىرىنى تەكرارلىدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس سارىيىدىن ئافرىن ھەققىدە مۇھىم بايانات!» سەرلەۋھىلىك خەۋرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: 

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك ئەھۋاللارغا قارشى پۈتۈن تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىبراھىم كالىن ئىستانبۇلدا پات يېقىندا باشلىنىدىغان ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتىگە ئالاقىدار كۈنتەرتىپتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئامېرىكىنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ دىن تەشكىل تاپقان قوشۇنى يوق» دېگەن باياناتىغا قارىتا، «بىز بۇ ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۆزىتىمىز» دېدى. ئىبراھىم كالىن: «ئافرىن مەسىلىسى بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئېلان قىلغان باياناتلىرىدىن بەكرەك، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىدىغان بىر مەسىلە، بىزنىڭ قارار مېخانىزمىمىز ئۈچۈن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلىدۇر» دېدى.

ۋەتەن گېزىتى، «رۇسىيە تۈركىيەنىڭ تەستىقىنى كۈتۈپ تۇرماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخائىل بوگدانوۋ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا سوچىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە خەلق دىيالوگ قورۇلتىيىنىڭ مېھمان تىزىملىكىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ تەستىقىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى. بوگدانوۋ: «شېرىكىمىز بولغان تۈركىيە ۋە ئىران بىلەن بىرلىكتە مېھمانلار تىزىملىكىنى ئاخىرقى شەكىلگە كىرگۈزۈش ۋە سۈرىيەلىك قاتناشقۇچىلارغا تەكلىپلەرنى دەرھال يوللاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

سىتار گېزىتى، «دۇنيانىڭ كۆزى تۈركىيەنىڭ <SOM> باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

چەت ئەللەردىكى ھەر قايسى مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىلىرىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ، خەلقئارادا ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىغان <SOM> باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۈچۈن <SOM> باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان تۈركىيەنىڭ روكېتسان شىركىتى، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئامېرىكىغىمۇ ئېكسپورت قىلالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەزەربەيجاننىڭمۇ <SOM> باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «يەرلىك ئاپتوموبىلغا قاتارمۇ مەبلەغ سالىدىغان بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قاتار سودا ئۇيۇشمىسى باشلىقى شەيىخ خەلىفە بىن جاسىم ئەلسانى يەرلىك ئاپتوموبىل ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. تۈركلەر بىلەن مۇرىمىنى مۇرىگە تىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شەيىخ خەلىفە بىن جاسىم ئەلسانى «قاتار بىر تۈركىيە شىركىتى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىگە مەبلەغ سالىدۇ. بۇ قاتارنىڭمۇ ھەسسەسى بولىدىغان چوڭ لايىھەنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن باشقا تۈركىيە مەبلەغچىلىرى بىلەن گېرەلەشەلەيدىغان بىر شىركەت» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر