تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 31.03.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

703311
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 31.03.2017

خەبەر تۈرك گېزىتى، «يا تەسلىم بول! ياكى چىقىپ كەت!»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ماردىندىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئۈستىدە توختالدى. ئەردوغان: «بىز ھەل قىلىش چارىسى ھەرىكىتى باشلىدۇق، ئۇلار بومبا پارتلاتتى. كوچىلارغا قېزىلغان ئۆرەكلەر، كۈرت (كورد)، سۇريانى ۋە ئەرەب قېرىنداشلىرىمىزغا راۋامۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ دۆلەتتە ھېچبىر تېررورچىغا ياخشىكۈن يوق، ياكى خاتاسىنى تونۇپ تەسلىم بولۇشىدۇ ياكى بۇ زېمىننى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ ۋە ياكى بىز ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلايمىز» دېدى.

ۋەتەن گېزىتى، «توغرا ۋە قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە ئاكتىيورلار بىلەن خىزمەت قىلىڭ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلدى. ئۆزئارا ئۇچرىشىشتا، سۈرىيە بىلەن ئىراقتا دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە تاشلىنىدىغان ئورتاق قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەردوغاننىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشنى، پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىشىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەكرارلىغانلىقى ۋە رايوندا بۇ سەۋەبتىن چىقىدىغان مەسىلىلەرنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى. ئەردوغاننىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە توغرا ۋە قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە ئاكتىيورلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «68 دۆلەت دائېشنى يېڭەلمىسەك» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى. يىغىندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئىشقا سېلىشقا ئېھتىياج يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز 68 دۆلەت ۋە ناتومۇ بار. شۇنداق كۈچلۈك قۇرۇلمىغا ئىگە تۇرۇپ، 10 – 20 مىڭ كىشىلىك بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يېڭەلمىسەك، باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا موھتاج بولۇپ قالغان بولساق، ئۇنداقتا ئۆزىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ بېقىشىمىز لازىم. بىز بۇ كۈرەشنى ئۇتۇققا ئېرىشتۇرەلەيمىز. بۇنىڭىدىن كېيىنكى باسقۇچتا سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى شۇنداقلا دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىتتىپاقدىشىمىز ئامېرىكا بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىشنى خالايمىز» دېدى. 

ساباھ گېزىتى،  «تەتۇر تەشۋىقات ئىشقا يارىمىدى، تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچ يۇقىرى ئۆرلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

يېقىنلىشىپ قالغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قارىتا تەتۈر تەشۋىقاتلارنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار پىسەنتىگىمۇ ئالمىدى. ئىچكى بازاردىكى ئىشەنچ نىسبىتى مارت ئېيىدا %5 ئېشىپ، %96.1 گە چىقتى. 2016 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىققان بولدى. چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ تۈركىيە زايوملىرىغا سەل بولۇپ ئاقتى. مەركەز بانكىسى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا كۆرە، چەت ئەللىكلەر ئىچكى بازاردا 398 مىليون دوللارلىق زايوم سېتىۋالدى. بۇ نىسبەت يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىققان بولدى.   

سىتار گېزىتى، «سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى يولۇچىلار زالىنىڭ سىغىمچانلىقى يىللىق 6 مىليون كىشى ئۆرلەيدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلاغا ئورۇن ئاجراتتى:

2009–يىلىدىن بۇيان ئۇدا 7 يىل «ياۋروپا بويىچە ئەڭ تېز تەرققىي قىلغان ئايرودۇرۇم» دېگەن ئۇنۋانىنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايروردۇرۇمى يولۇچىلار زالىنى كېڭەيتىش قارارى ئالدى. لايىھە پۈتكەندە يولىچىلار زالىنىڭ سىغىمچانلىقى يىللىق 6 مىليون كىشى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر