تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 02.12.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

622491
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 02.12.2016

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، «ئەردوغان <نىشانىمىز شەخش ئەمەس، تېررورلۇق> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىكى 30 – نۆۋەتلىك مەھەللە باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ نىشانى، قانداقتۇر بىرەر دۆلەت ياكى شەخس ئەمەس، پەقەتلا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدۇر. بۇنىڭدىن ھېچ كىشى گۇمانلانماسلىقى كېرەك. ئېيتقان سۆزلىرىمىزنىمۇ ھېچ كىشى باشقا تەرەپلەرگە بۇراپ يۈرمىسۇن» دېدى. تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىراقنىڭ ۋە سۈريىەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خىلاپلىق قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «چېگرايىمىز ئەتراپىدا دائېش، پ ي د ۋە ي پ گ گە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ لاغايلاپ يۈرىدىغان يەرلىرى شەكىللىنىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.  ئۇ ئىراق ۋە سۈرىيە دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قالالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كېرەكلىك دەرىجىدە كۈرەش قىلالىغان بولسا ئىدى، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە كېرەك قالمايتتى، دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئەردوغان سۆزىدە يەنە، تۈركىيەنىڭ بىر ياۋروپا دۆلىتى ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ: «بىز ياۋروپادا مېھمان ئەمەس، ساھىبخانمىز، ئۆي ئىگىسى ھېسابلىنىمىز» دېدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «رۇسىيە ئەلچىسى <تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا كۆرۈشنى خالايمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئاندىرېي كارلوۋ «NTV» قانىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەم خىتاي، ھەم قازاقىستاننىڭمۇ تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەممە ئىش پۈتۈنلەي ئەنقەرە دائىرىلىرىنىڭ قارارىغا باغلىق. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىق باسقۇچىدا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سوۋۇتىشىنى ۋە توختىتىشىنى ھەرگىز تەلەپ قىلمايمىز» دېدى.

«سىتار گېزىتى»، «ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق <ئېنېرگىيە جەھەتتە بۈگۈنىمىز تۈنۈگۈنىمىزدىن ۋە ئەتىمىزمۇ بۈگۈنىمىزدىن ياخشى بولىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق رىزەدە ئېلېكتىر تارقىتىش شىركىتى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا: «ئېنېرگىيە ساھەسىدە خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىكىگە زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەش لىنىيە ئاساسىي قۇرۇلمىسىنىڭ باشىلىنىشىدىن تارتىپ، تېخنىكا جەھەتتە ئەمگەك كۈچىنى ئاشۇرۇشقىچە، ھەتتا ئەرز-شىكايەتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش مۇددەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلچەملىرىدىنمۇ يۇقىرى، مۇكەممەللىك سۈپەت مۇكاپاتى سەۋىيەسىگە يەتكىچە نۇرغۇن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلايمىز. بىز شۇنى بىلىمىزكى، بۈگۈنىمىز تۈنۈگۈنىمىزدىن ۋە ئەتىمىزمۇ بۈگۈنىمىزدىن ياخشى بولىدۇ» دېدى. 

«ۋەتەن گېزىتى»، «تۈركىيە يانفون سودىسىدا دۇنيا بويىچە 4 – بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

تۈركىيە يېقىنقى بىر يىلدا تاشلىغان چوڭ قەدەملەر ئارقىلىق تور سودا ساھەسىنى پەقەت يانفوندىلا%38 كە ئۆرلىتىپ، دۇنيا بويىچە 4 – بولدى. تۈركىيە بىراقلا 6 بالداق ئۆرلەپ، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدىن قالسىلا 4 – ئورۇنغا ئۆتتى. %38 لىك ئۆرلەش نىسبىتى بىلەن ئامېرىكا، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى. تۈركىيەدە ئومۇمىي ئىستېمال خىراجەتلىرىنىڭ %40 ى كارت بىلەن قىلىندى. ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنىڭ سودا نىسبىتى ئومۇمىي سودا نىسبىتىنىڭ %11 گە يەتتى. يېقىنقى بىر يىلدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق كارت بىلەن تۆلەنگەن پۇل 65 مىليارد لىراغا يەتتى. تۈركىيەدە 58 مىليون كىرېدىت كارتى بار. ئىنتېرنېتتە ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم ئىشلىتىلگەن كارتلارنىڭ سانى 24 مىليونغا يەتتى.

«ساباھ گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ مۆجىزە يۈرىكى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: 

تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم قىلىنغان بوۋاق يۈرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. 10 ئايلىق بەيتۇللاھ ئىسىملىك بوۋاق ئەنقەرەدىكى يۈرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ياخشىلاندى.

بەيتۇللاھ 10 ئايلىق ۋە 7 كىلولۇق بوۋاق بولۇپ، تۇغۇلغاندىن كېيىن داۋاملىق ياللۇغلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە نەپەس يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن نورمال ئوزۇقلىنايمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بوۋاق بالنېستقا ئېلىنغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردە، يۈرەكتە مەسىلە بارلىقى بايقالدى. بوۋاقنىڭ ئائىلىسى ئۇنى سىنوپتىن ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ئالىي مۇتەخەسىسىسىلەرنى تەربىيەلەش ۋە تەتقىقات مەركىزىي دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلدى. بوۋاققا 23 – نويابىردا دوختۇرخانىدا ئۇتۇقلۇق ھالدا يۈرەك يۆتكەلدى. ئىلگىرى تاماق يىيەلمەيدىغان بەيتۇللاھ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، ئېمىزگە شىشىسىنى قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان بولۇپ قالدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر