تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 05.08.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

545897
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 05.08.2016

 

 

خەبەر تۈرك گېزىتى، «فەتھۇللاھ گۈلەننى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىش قارارى چىقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىستانبۇل 1 – ئېغىر جىنايەتلەر مەھكىمىسى سودىيە ھەيئىتى، فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ قۇرغۇچىسى فەتھۇللاھ گۈلەنگە «15 - ئىيۇلدا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى. قارارنامىدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش  ھەرىكىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ رىياسەتچىلىكى ۋە ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ساباھ گېزىتى، «فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ مەكتەپلىرى بىر بىرلەپ تاقىلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن 15 – ئىيۇلدىكى خائىن ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، تۈركىيە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە مەكتەپلەرنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئۈچۈن دېپلوماتىيەلىك پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتتى. تېررورچىلارنىڭ ئۇۋۇسىغا ئايلانغان مەكتەپلەر بىر بىرلەپ تاقىۋېتىلىشكە باشلاندى. تۈركىيەنىڭ ئازابىغا تەڭ ئازابلانغان تۈنجى دۆلەت ئەزەربەيجان، سومالى ۋە  پاكىستان بولدى. بەزى دۆلەتلەردە مۇناسىۋەتلىك تىرىشچانلىقلار داۋاملاشماقتا. 170 تىن ئارتۇق دۆلەتتە مەكتەپ ئاچقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىڭدىن ئارتۇق مەكتىپى بارلىقى، بۇلاردىن ئاز دېگەندىمۇ 140 مەكتەپنىڭ ئامېرىكىدا ئىكەنلىكى مەلۇم.

سىتار گېزىتى، «ئىستانبۇل دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يېغىلىشىغا تەييار» سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

خائىن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوغاشقا ئۇرۇنۇش ئىسيانىغا قارشى مەيدانلارنى لىق تۇلدۇرۈپ ئۆتكۈزۈلىۋاتقان دېموكراتىيەنى قوغداش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭى 7 – ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئىستانبۇل يېنىكاپىدا ۋە باشقا 81 ۋىلايەتنىڭ ھەممىسىدە 7 – ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى دېموكراتىيەنى قوغداش پائالىيىتى ئەڭ يۈكسەك پوللىگە چىقىدۇ. يېنىكاپىدىكى يىغىلىشنىڭ ھازىرلىقىلىرى تامامەن دېگۈدەك پۈتۈپ بولدى. يېغىلىشقا قاتنىشىشىنى خالايدىغان كىشىلەر ئانادولۇ ۋە ياۋروپا ياقاسىدىن ئاپتوبۇس بىلەن يېنىكاپىغا يېتىپ كېلەلەيدۇ. دېڭىز يولى ئارقىلىقمۇ يېغىلىش مەيدانىغا بىلەتسىز ئادەم يۆتكەش مۇلازىمىتى باشلىنىدۇ. مەيداندا 13 مىڭ كىشى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ساندا سەھىيە خادىملىرى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋەزىپىگە تەييار تۇرىدۇ.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ياپونىيەنىڭ ئاپتوموبىل پادىشاھى مەبلەغ سېلىشنىڭ كويىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگرىشكە ئۇرنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگىنىگە قارىماستىن،  داۋاملاشماقتا. يىلىغا 27 مىليون ئاپتومۇبىل ئىشلەپچىقىرىش بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوبىل سودا شىركىتىگە ئايلانغان ياپونىيەنىڭ «Honda» شىركىتى، تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى يېڭى مەبلەغلەرنى سېلىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان بولدى. «Honda» شىركىتىنىڭ تۈركىيە مۇدىرى ھىدېتو ياماساكى، تۈركىيەدە موتورسېكلىت زاۋۇتى قۇرۇشقا مەبلەغ سالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ياماساكى تۈركىيەگە تولۇق ئىشنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «ناسادىن ئىستانبۇلغا سۆيگۈ ئىزھارى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋېئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى تەتقىقات ئىدارىسى ناسا تىۋېتتېر ۋە ئىنىستېگرام ھېسابىدىن ئىستانبۇلنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان رەسىمىنى ھەمبەھىرلەشتى. خەلقئارا ئالەم قاتنىشى ئىستانسىسى بىلەن ئوربىتە ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ئاستورنومىيە مۇتەخەسسىسى جېب ۋىلىيام تەرىپىدىن ھەمبەرھىلىشىلگەن ۋېدىئونى بولسا، ناسا تاۋېتتېر ھسابىدىن قايتارما ھەمبەھىرلەشتى.  ۋىليام 3 – كۆۋۈرۈكمۇ تارتىلغان ۋېيدىئو ئۈچۈن «بوغۇزدا ساياھەت، ياۋروپا  ۋە ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى قەتئە چېگراسى» دېگەن سۆزلەرنى يازدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر