تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 22.07.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

535285
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 22.07.2016

 

سىتار گېزىتى، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جىددىي ھالەتكە "ئىستىقلال مۇجادىلىسى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز" دەپ باھا بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

«دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىغا ئالاقىدار باش مىنىستىرلىقنىڭ تەكلىپى 346 قوللاش ئاۋازغا ئېرىشىپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «پارلامېنتىمىز جىددىي ھالەت قارارى بىلەن يېڭى بىر ئىستىقلال كۈرىشىگە قەدەم تاشلىدى. بۆلگۈنچى تېررولۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىمىز قانداق داۋاملىشىۋاتقان بولسا، ئىستقىلال كۈرىشىمىزمۇ بىرلىكتە داۋاملىشىدۇ» دېدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «15- ئىيۇل شەھېتلارنى خاتىرىلەش كۈنى بولۈپ بېكىتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

«جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15 – ئىيۇل كۈنىنىڭ «شېھىتلارنى خاتىرىلەش كۈنى» بولۇپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بارلىق قەھرىمانلارنى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ھەرگىز ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «جىددىي ھالەت خەلققە ئەمەس، دۆلەتكە ئېلان قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى بىر قىسىم شايكىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ئىسيانىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەت ئۈستىدە توختىلىپ، «دۆلەت خەلققە ئەمەس، ئۆز - ئۆزىگە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى» دېدى.  باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بۇ جەرياندا پەقەت دۆلەت چاقىنىڭ سۇنغان قىسمىلا رېمونت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

خەبەرتۈرك گېزىتى، «بۇغۇزئىچى كۆۋرۈكىدە دېموكراتىيە يۈرۈشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىستانبۇلدا «مىللىي ئىرادىگە ئىگە چېقىش مۇنبىرى»نىڭ باشچىلىقىدا مىڭلىغان كىشى فەتھۇللاھچى خىيانەت شايكىلىرىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن «باشلانغان يەردىمىز» دېگەن شوئار بىلەن ئۈسكۈداردىن بوغۇزئىچى كۆۋرۈكىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. يۈرۈشكە قېتىلغان خەلق ئاممىسى قوللىرىغا تۈرك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى. كۆۋرۈكتە قاتناش توختىتىلدى. كۆۋرۈكتىكى دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتى كېچىچە داۋاملاشتى.

ساباھ گېزىتى، «ھەربىي قوماندانلارمۇ دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى:

دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىدە تۇرۇش پائالىيىتى 6 – كۈنىدىمۇ داۋاملاشتى. خەلق ئاممىسى مەيدانلارغا پاتماي كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ھالدا دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەرزىنجاندا گېنېرال بايراقتارئوغلۇ، ئاغرىدا گېنېرال ياشار بىلەن پولكوۋنىك سەل، زونگۇلداكتا بولسا، مېڭبېشى تۇفان، خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىگە قاتناشتى. خەلق قوماندانلارغا ئالاھىدە سۆيگۈ – مۆھەببەت كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر