تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 03.06.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

503499
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 03.06.2016

ۋەتەن گېزىتى، «گېرمانىيەنىڭ قارارى نۆلگە تەڭ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گېرمانىيەنىڭ ئاتالمىش ئەرمەنىي داۋالىرىنى قوللىغانلىقىغا تۈركىيە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.  بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقتا، بۇ قارارنىڭ گېرمانىيەگە نىسبەتەن تارىخىي بىر خاتالىق ۋە نۇمۇس قىلارلىق ئىش بولغانلىقى تەكىتلەندى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئەرمەنىيلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى گويا بىر ھەقىقەتتەك باشقىلارغا تاڭماقچى بولغان جاھالەت ۋە قانۇنغا ھۆرمەتسىزلىكنىڭ بىر ئۈلگىسى بولغان قارار بولدى» دېدى. گېرمانىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ ئارقىسىدا نايروبىدىن ھولوكوستقىچە سۇزۇلغان ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلرىنىڭ ئارخىپى سەۋەب بولغان روھى كېسەللىكنىڭ ياتقانلىقى تەكىتلەندى. گېرمانىيەنىڭ بۇ قارارىنىڭ تۈركىيەگە نىسبتەن نۆلگە تەڭ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سىتار گېزىتى، «نۇسەيبىن كوچىلىرىدا ئىستىقلال مارشى ياڭرىماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ماردىننىڭ نۇسەيبىن ناھىيەسىدە، پ ك ك تېررورچىلىرى خەندەكلەرنى كولاپ، توساقلارنى قۇرغان، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ بۇلاڭچىلىق قىلغان، جامىلەرگە ۋە قۇرئانغا ئوت قويۇپ بەرگەن ئىدى. ھازىر نۇسەبىننىڭ %97 تىنىڭ كونتروللۇقى ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى.  تېررورچىلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت داۋاملىشىۋاتقان ناھىيە، ھەر كۈنى ئىستىقلال مارشى بىلەن ئويغىنىدىغان بولدى. ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى تەرىپىدىن چېلىنىدىغان ئىستىقلال مارشى ناھىيەنىڭ ھەممىلا ئەتراپىدا ياڭرىماقتا. ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە، ي پ گ نى قوللاپ، بەرگەن قوراللىرىنى نۇسەيبىنگە ئېلىپ كىرگەن پ ك ك تېررورچىلىرى، بۇلۇڭغا قىستلىىپ يا تەسلىم بولماقتا ياكى قاچىشقا كامار ئىزدىمەكتە.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «3 يېڭى مۇداپىئە شىركىتى قۇرۇلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

لايىھەلەش، يومشاق دېتال، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىرانسپورت ساھەلىرىدە 15 شىركىتى بىلەن پائالىيەت قىلىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى 3 يېڭى شىركەت قۇرىدىغان بولدى. مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئاۋېئاتسىيە ئۈچۈن كېرەكلىك تېخنىكىلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى تېخنىكىلىرى ھېسسىدارلىق شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. دۆلەت مۇداپىئە مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى يەنە «تۈرك نانو تېخنىكىسى» ۋە «تۈرك سىناق تېخنىكىسى»  نامى بىلەن قوشۇمچە ئىككى شىركەت قۇرۇش قارارى ئالدى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «تۈرك مۇتەخەسسىس راكقا قارشى "تۇرۇۋا ئېتى ۋاكسىنى" ئىشلەپچىقاردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى: 

گېرمانىيەدە راك كېسىلىگە قارشى تەتقىقاتلىرى بىلەن گېرمانىيە فېدېراتسىيە مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تەتقىقات ئورگىنى باشلىقى  تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن  گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك مۇتەخەسسىس پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن راك كېسىلىگە قارشى كۈرەشتە "تۇرۇۋا ئېتى ۋاكسىنى"  مېتودىنى غەلىبىلىك تاماملىدى. پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىننىڭ باشچلىقىدىكى ئەترەتنىڭ تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە، ۋىرۇسلارنى تەقلىت قىلىدىغان نانو پارچىلىرى بەدەنگە ۋاكسېن ئارقىلىق ئۇرۇلۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىنىڭ ئۆسمىگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئۇلارنى يوق قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 3 راك كېسىلىدە سىناق قىلىنغان بۇ ئۇسۇل نەتىجىسىدە، ئۆسمە بىلەن ياشاۋاتقان بېمارلاردا ئۆسمىلەرنىڭ كىچىكلىگەنلىكى كۆرۈلدى. ئۆسمىسى ئوپىراتسىيە ئارقىلىق ئېلىپ تاشلانغان ئەمما يەنە ئۈنۈپ چىقىشى مۆلچەرلەنگەن بىر بىماردا بولسا، راك كېسىلىنىڭ ساقىيىشقا قاراپ ماڭغانلىقى كۆرۈلدى. پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن: «بۇ ۋاكسېن سايىسىدا راك كېسىلىنى پۇتۇن دۇنيادا داۋالىغىلى بولىدۇ» دېدى.

ساباھ گېزىتى، «ياۋروپادا 2 تۈرك پۇتبول چولپىنى قىزىق تېمىغا ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە پۇتبول كوماندىلىرى ئىچىدىكى «مانچېستېر سىتى» كوماندىسى گېرمانىيەنىڭ «دورتمۇند كوماندىسى»دا توپ ئويناۋاتقان تېگى تۈركىيەلىك پۇتبول چولپىنى ئىلكاي گۈندوغاننى يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئىتالىيە كوماندىلىرى ئىچىدىكى «ئىنتېر كوماندىسى» بولسا، تۈرك چولپان جانان ئەركىننى يۆتكەپ كەلگەنلىكىنىڭ ھاياجانىغا چۆمۈلدى. ئىتالىيەنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبول كوماندىلىرى ئىچىدىكى «ئىنتېر كوماندىسى»نىڭ جانەر ئەركىننى فەنەر باھچە كوماندىسىدىن يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى، ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئەڭ قىززىق تېمىغا ئايلاندى. مەتبۇئاتلاردا «ئىنتېر كوماندىسىنىڭ تۈنجى بومبىسى جانەر ئەركىن» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا ئانالىز خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر