تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 20.05.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

494428
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 20.05.2016

ساباھ گېزىتى، «بايراق 22 يىللىق داۋا سەپدىشىغا تۇتقۇزۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

 ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسلىكى ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى ئۈچۈن 1994 – يىلىدىن بۇيان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مۇرىنى - مۇرىگە تېرەپ يول يۈرگەن بىنالى يىلدىرىم نامزات كۆرسىتىلدى. ئۇ تۈركىيەنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ماركىلىق لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، رەخمەت ئېيتىش نۇتىقىدا ئىنتايىن رۇشەن سىگناللارنى بەردى. «قۇرغۇچى رەئىسىمىز ۋە رەھبىرىمىزدىن تارتىپ ھەر قايسى دەرىجىلىك دوستلىرىمىز بىلەن تۇلۇق ماسلىشىش ئىچىدە خىزمەت قىلىمىز» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم پارتىيە رەئىسلىكى نامزاتلىق ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تۈنجى زىيارىتىنى دىيارباكىردا ئىشقا ئاشۇردى. دىيارباكىردا قىلغان سۆزىدە، «قېرىنداشلىقىمىزنى بۇزۇشقا ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ۋەتىمىزنى بۆلۈش قەستىدە يۈرۈۋاتقانلار، گۇناھسىز ئىنسانلىرىمىزنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلار جاۋابىنى ئىنتايىن  قاتتىق بىر شەكىلدە ئالىدۇ» دېدى.

سىتار گېزىتى، «سودا سانائەتچىلەر بىنالى يىلدىرىمنى قوللىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە نامزات كۆرسىتلىگەنلىكىنى سودا - سانائەت ساھەسى قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى. بىنالى يىلدىرىمنىڭ مىنىستىرلىك دەۋرىدە ئىشقا ئاشۇرغان لايىھەلىرىنى ئىما قىلغان سودا سانائەتچىلەر، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر بەردەكلىكى ھاسىل قىلدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئىستانبۇل ئىنسانلىرى يۈكسىلىشكە تەييار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدەۈ مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى:

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۈنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدىغان بولدى. ئالىي درىجىلىك رەھبەر يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىلدى. يىغىن مەزگىلىدە 5000 ساقچى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. بومبا پاچاقلاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ساقچى تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىمۇ تەييار تۇرىدۇ. ئاتاتۈرك ئايرودورۇمىدا كۈتۈۋىلىنىدىغان چەت ئەللىك رەھبەرلەر ئۈچۈنمۇ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  24 – مايغىچە داۋاملىشىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا، ئىستانبۇلدىكى بەزى يوللار قاتناشتىن توختىتىلىدۇ.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «ئەزىز سانجار نوبېل مۇكاپاتىنى ئاتاتۈرككە ھەدىيە قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى قەيت قىلدى:

پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار 2015 – يىللىق نوبىل خېمىيە مۇكاپاتى مېدالىنى ۋە گۇۋاھنامىسىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قاتناشقان ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى قۇماندانلىق ئىشتابىغا تەقدىم قىلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزىز سانجارنى دۆلەت ۋە مىللەت نامىدىن شۇنداقلا ئۆز نامىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ مېدالنىڭ ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلىشى، ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن كەلگۈسىنىڭ يول كۆرسەتكۈچ مەشئىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن ھەمدە تېخىمۇ كۆپ نوبېل مۇكاپاتىنىڭ قولغا كېلىشىگە باشلامچى بولدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ گويا ياشلارغا نىسبەتەن يول كۆرسەتكۈچ بولغۇسى، سىزگە كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن» دېدى.

ئەزىز سانجارمۇ سۆزىدە بۇ مېدالنى بۇ جايغا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئاتاتۈرككە ۋە ئاتاتۈركنىڭ سەپداشلىرىغا شۇنداقلا بۇ جۇمھۇرىيەتنى قۇرغانلارغا بولغان ۋاپا بۇرچۇمنى ئادا قىلغان بولدۇم. ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەخش ئەتكەن ئاللاھقا شۈكرى قىلىمەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باشقا ئالاقىدار مەسئۇللارغا رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «تۈرك فىلىملىرى گوللاندىيەدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

گوللاندىيە ۋە تۈركىيەنىڭ كېنۇ مەستانىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىشنى نىشان قىلغان قىزىل لالە كېنو – فىلىم فېستىۋالى 27 – مايدا روتتېردامدا باشلىنىدۇ. فېستىۋالدا 4 – ئىيۇنغىچە زامانىۋىي تۈركىيە كېنولىرىدىن تاللانمىلار، ھۆججەتلىك ۋە قىسقا فىلىملەر قويۇلۇشتىن باشقا يەنە، فوتو – سۈرەت كۆرگەزمىىسى، كونسېرت دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل پائالىيەتلەرمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ. فېستىۋالدا «ئۆمۈر بويى ئۇتۇق مۇكاپاتى» ئايال ئارتېست ھۇليا كۆچيىگىتكە، «قىزىل لالە  ئۇستىلارغا ھۆرمەت مۇكاپاتى» بولسا، رېژىسسور ئۆزجان ئەلپەرگە بېرىلىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر