17.02.2016

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

434178
17.02.2016

ساباھ گېزىتى «بىر توپ ئوقىغا 367 ھەربىي ماشىنا بىلەن جاۋاپ قايتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى چوماقچىسى بولغان ي پ گ غا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. شەنبە ئەتىگەندە تۈركىيە زېمىنىغا سۈرىيە تەرەپتىن توپ ئوقى ئېتىلىشىغا قارىتا چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، تۈركىيە ئارمىيەسى ‹بوران-چاپقۇن›ماشىنىلىرى بىلەن 261 قېتىم قايتۇرما زەربە بەردى. ئىككى كۈندە 90 پ ي گ بازىسى توپقا تۇتۇلدى. تۈركىيەنىڭ قەتئىيلىكىنى نامايەن قىلىدىغان بۇ قايتۇرما ھۇجۇم نەتىجىسىدە 4 كۈندە 150 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.»

ھابەر تۈرك گېزىتى «چېگرىدا 10دا 1 پىلانى ۋە بىخەتەر رايوندا لاگېر بەرپا قىلىش » سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى: « تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ قوراللىق قانىتى بولغان ي پ گ نىڭ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىشى، رۇسىيەنىڭ بومباردىمانى ۋە سانىنىڭ 500،600 مىڭغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن كۆچمەن دولقۇنىغا قارشى تەدبىرلەر بولۇپ بارلىق كىرزىس ۋە مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتى. ي پ گ تۈركىيە تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلگەن تەقدىردە، تۈركىيە چېگرىغا كەلگەن ھەر 10 مۇساپىردىن بىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. قالغانلار ئۈچۈن سۈرىيە تەرەپتىكى بىخەتەر رايونلاردا لاگېرلار بەرپا قىلىشنى پىلانلىماقتا.»

سىتار گېزىتى «سۇردا ئاخىرقى 100 مېتىر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «دىيارباكىرنىڭ سۇر ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە تۈنۈگۈن يەنە 1 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى. ناھىيەدە ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغان كۈندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچى سانى 204كە يەتتى. شىرناكنىڭ جىزرە ناھىيەسىدىن كېيىن سۇردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرمۇ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى، ناھىيەدىكى تېررورچىلارنى 100 مېتىرلىق يەرگىچە قىستاپ كەلگەن ئەسكەرلەر، شىرناك ئىدىلنىمۇ تېررورچىلاردىن تازىلاشقا تەييارلانماقتا. ھەربىي ھەرىكەتتىن بۇرۇن ناھىيەدە كوچىغا چىقىش چەكلەندى.»

ۋاتان گېزىتى «تۈركىيە قوي قاتارلىق ماللاردا ياۋروپادا بىرىچنى بولدى » سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلدى: «2015-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ سانى 14 مىليون 128 مىڭ تۇياققا، قوي قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ سانى 41 مىليون 924 مىڭ تۇياققا،بۇلارنىڭ ئىچىدە قوي سانى 31 مىليون 508 تۇياققا، ئۆچكەن سانى 10 مىليون 416 مىڭ تۇياققا يەتتى. تۈركىيە چوڭ ھايۋان سانىدا 2015-يىلىدا ياۋروپا بويىچە فىرانسىيەدىن قالسا ئىككىنچى بولدى. فىرانسىيە 19 مىليون تۇياق بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. تۈركىيەدىن قالسا ئەنگلىيە، ئىسپانىيە ۋە گىرېتسىيە كېلىدۇ.»

ھۈررىيەت گېزىتى «ئانتالياغا ياۋروپادىن بىۋاستە ئايروپىلان قاتنايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى باش دىرىكتورى تەمەل كوتىل، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياۋروپادىن ئانتالياغا بىۋاستە ئايروپىلان قاتناشنى كۈتۈۋاتقان ساياھەتچىلەرگە خۇشخەۋەر بەردى. كوتىل مۇنداق دېدى: بىۋاستە ئايروپىلان سەپەرلىرى ئالدى بىلەن ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى دۆلەتلەردىن باشلىنىدۇ. نورۋېگىيە بىلەن فىلاندىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىن كۆپ قېتىم تەلەپ كەلدى. بۇ يازغىچە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بېكىتىپ بولىمىز. گېرمانىيەگە ئوخشاش نۇرغۇن ساياھەتچى كېلىدىغان دۆلەتلەردىن ئانتالياغا بىۋاستە ئايروپىلان سەپەرلىرى ئورۇنلاشتۇرمايمىز. خىزمەتلىرىمىز تېز سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر