تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

149745
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! بۈگۈن پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىنىي بايراملىرىدىن بىرى بولغان قوربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدە سىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇربان ھېيتىنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز ھەمدە بۇ ئۇلۇغ ھېيتىمىزنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىشىنى تېلەيمىز.
تۈركىيە گېزىتلىرىمۇ بۈگۈن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنى ئورتاقلاشتى.
يېڭى شەپەق گېزىتى، «ئۇلارغا ھېيت بولمىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۈركىيەنىڭ 1 مىليون 800 مىڭ سۈرىيە پۇقراسى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 2 مىليونغا يېقىن پاناھلانغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ھېيت كۈنىگە قەدەم قويغانلىقىنى يازدى.
خەۋەردە، پاناھلانغۇچىلارنىڭ گەرچە تۈركىيەدىن مىننەتدار بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئائىلىسىنى سىغىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھېيتلارنى ئۆز ۋەتىنىدە ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
مىللىيەت گېزىتى، «تۈركىيە رايوننىڭ بىردىن بىر ئۈمىدىدۇر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قۇربان ھېيتلىق تەبرىكنامىسىنى ئورتاقلاشتى. ئەردوغاننىڭ تەبرىكنامىسىدە، «تارىخىمىزدىكىگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندىمۇ كاتتا ۋە كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنىڭ تەقەززالىرىنى ئورۇنداۋاتىمىز. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇمۇتۋارلىقنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىز رايونىمىزدا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە باياشاتلىقنىڭ بەرپا بولۇشىنى خالايمىز. رايونىمىزدىكى ھېچ بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ياكى زېمىنىغا كۆز تىككىنىمىز يوق، بىراق رايون كىرىزىسلەر بىلەن لەرزىگە كېلىۋاتقان پەيتتە، بىزنىڭ ئويۇن كۆرۈپ ئولتۇرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەبەر تۈرك گېزىتى، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۇلايمان شاھ مەقبىرىسىنى قوغداۋاتقان ھەربىي خادىملارغا خىتاب قىلىپ ئېلان قىلغان سۆزلىرىنى «ئەردوغاندىن سۇلايمان شاھ سالامى» سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئەردوغاننىڭ ئۇلارغا: «سىلەر ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس، زۆرۈل تېپىلغاندا تۈركىيە ئارمىيەسى ھېچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرماستىن، بىر مېنۇتمۇ كېچىكمەستىن سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
يېڭى شەپەق گېزىتى، «شىۋېتسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، شىۋېتسىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق شۋېتسىيەنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغان تۈنجى چوڭ ياۋروپا دۆلىتىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىللىيەت گېزىتىنىڭ «"تىنچلىق تېلفونى" ناملىق پائالىيەتتە تۈركىيەنىڭ چاقىرىقى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە 40 دۆلەتتىن 100 ئەلچىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا «ئۇرۇشقا ياق!» دگەن چاقىرىقتا بولىدىغانلىقى، 1 – دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 100 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن بۈگۈن باشلانماقچى بولغان "تىنچلىق تېلفونى" ناملىق پائالىيەتتە ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن 100 ئەلچىنىڭ بىر بىرىگە ئارقىمۇ ئارقىدىن تېلېفون قىلىپ، تىنچلىق چاقىرىقىدا بولىدىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ تىنچلىق چاقرىقىنى بولسا، 14 ياشلىق ئادا سۇنگار ئىسىملىك ئۆسمۈرنىڭ يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە دۇنيادىكى ئۇرۇشلارغا قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ساباھ گېزىتى، «"Fitch" تۈركىيەنىڭ كىرېدىت دەرىجە نومۇرىنى ئۆز پىتى ساقلاپ قالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خەلقئارا كىرېدىت دەرىجىلەندۈرۈش ئىدارىسى " Fitch Ratings"نىڭ تۈركىيەنىڭ كىرېدىت دەرىجە نومۇرىنى "BBB" قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى، نومۇر كۆرسەتكۈچىنى بولسا، "توختاق" شەكىلدە ساقلاپ قالغانلىقىنى يازدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ كىرېدىت دەرىجە نومۇرى مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان سەۋىيەدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان بولدى.
ھۆررىيەت گېزىتى، «پەرىلەر يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئاياللار ۋاسكىتبول دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىسىقىدا سېربىيەنى 61 گە قارشى 62 نومۇر بىلەن يەڭگەن تۈركىيە كوماندىسىنىڭ بۈگۈن كەچتە سائەت 19:00 دا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن رىقابەتكە چۈشۈدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر