تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 12.07.2014

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

126436
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 12.07.2014

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى» «ئەردوغاننىڭ يولى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك نامزاتلىقى ئۈچۈن ھازىرلانغان «ئىستىراتېگىيەلىك نىشان» پىلانىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى. گېزىت، يېڭى تۈركىيە ئۈچۈن ئەردوغاننىڭ ئىستىراتېگىيەلىك نىشان پىلانىنىڭ مەنبەسى بولغان ئۈچ ئاساسى پىرىپسىپنىڭ دىپلوماتىك سىياسەت، ئوچۇق جەمئىيەت ۋە قانۇن دۆلىتىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ئەردوغاننىڭ نىشانلىرى ئارىسىدا تۈركىيەنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئىسرائىلىيەگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قارشى قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىلىرىنى، قەتئىي بۇنداق قىلماسلىقى توغرۇلۇق ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى. گېزىت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان ئابدۇللاھ گۈلنىڭ، تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
«‹سىتار› گېزىتى»، «ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق ۋىدالىشىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىنسانىي تىراگېدىيە يۈز بەرگەن سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 175 بوشناقنىڭ جىنازا مۇراسىمىنىڭ دەرد - ئەلەملەرنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى يازدى. گېزىت، 1994 - يىلى سېربلار يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقتا قەتلە قىلىنغان بوشناقلارنىڭ جىنازىسى ئۈچۈن پوتوچورىدا مازارلارنىڭ ئېچىلغانلىقى، قۇربانلارنىڭ يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ كۆز ياشلىرى ئىچىدە دۇئا قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ئەنگىلىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپادا قانچە ئون يىل مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇنداق تىراگېدىيەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
«‹ساباھ› گېزىتى»، ئاقدېڭىزدە ئىسپانىيە، گىرېتسىيە، مالتا، ئىتالىيە، كىرودىيە ۋە قاراداغ قاتارلىق دۆلەتلەردە پورت ئىشلىتىۋاتقان تۈركىيە دېڭىزچىلىق شىركەتلىرىنىڭ يېڭى كۆز نۇرىنىڭ سكاندىناۋىيە ئىكەنلىكىنى يازدى. گېزىت، شىۋېتسىيەدە ئىككى پورتنى بىراقلا ھۆددىگە ئالغان يىلدىرىم گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئەمدىلىكتە نورۋېگىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پورتلىرىدىن بىرىنى ھۆددىگە ئالغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، دېڭىزچىلىقتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان تۈركىيە دېڭىزچىلىق شىركەتلىرىنىڭ نىشانلىرى ئارىسىدا ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكا پورتلىرىنى ئىشلىتىشمۇ بارلىقى، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ئون يىل ئىچىدە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىزچىلىق شىركەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
«‹ۋەتەن› گېزىتى»، كامبىرىج ئايال كىنەزى كېيت مىدىلتوننىڭ قىز قېرىندىشى پىپپانىڭ ئىستانبۇلغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۈزۈپ ئۆتىدىغانلىقىنى يازدى. گېزىت، پىپپانىڭ ئەۋەرەست تېغىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تاغچى ئۈچۈن فوندى جەمئىيىتىگە ئىئانە توپلايدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەقسەتتە ئىستانبۇلغا كېلىپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى « Bosphorus Cross-Continental Race ‹بوغازئىچى قىتئەلەر ئارا سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى›» گە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، مۇسابىقىنىڭ 20 - ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر