تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 05.06.2014

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

83592
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 05.06.2014

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹سىتار› گېزىتى»، «4 - نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشىنىڭ بودرۇم ئۇچرىشىشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى يازدى. گېزىت، جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ، رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ شەرىپىگە كەچلىك تاماق زىياپىتى بەرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
«‹ ئاخشام› گېزىتى»، «مەنەدىي مىراسلار كومىتېتىغا تۈركىيە مەسئۇل بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ UNESCO نىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كومىتېتىغا سايلانغانلىقىنى يازدى. گېزىت، بۇ ھەقتىكى خۇشخەۋەرنىڭ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلغان داۋۇتئوغلۇدىن كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
«‹ ۋەتەن› گېزىتى»، رەخت كۆرگەزمىسى Premiere Vision ئىستانبۇلغا كېلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، پارىژدا 1973 - يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم رەخت كۆرگەزمىلىرىدىن بىرى بولغان Premiere Vision نىڭ ئىستانبۇلدىمۇ يىلىغا ئىككى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىت، Premiere Vision نىڭ تۇنجى قېتىم ئىستانبۇلدا 29 - 31 - ئۆكتەبىر كۈنلىرى CNR كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتىنىڭ بايراقدارى تۈركىيەدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتى Enterprise نىڭ تۈركىيەدە لەڭگەر تاشلىغانلىقىنى يازدى. گېزىت، 1.4 مىليون ئاپتوموبىلى بار شىركەتنىڭ تۈركىيەدە خۇسۇسىي بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىت، كىرىمى 16 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان شىركەتنىڭ Avrupa Franschise لىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مايك ئېدۋاردسنىڭ، «ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا رايونلىرىدا تەرەققىي قىلىش قارارى ئالدۇق، شۇ ۋەجىدىن تۈركىيەگە كەلدۇق» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.
«‹ساباھ› گېزىتى»، «مۇھىت ئاسراش مەسىلىسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، 5 - ئىيۇن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىكىگە ئوخشاشلا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تۈركىيەدىمۇ مۇھىت ۋە تەبىئەتنى ئاسراش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى. گېزىت، مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھەل قىلىشىغا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىت، مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەرچىلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئىدرىس گۈللۈجەنىڭ، تۈركىيەدە بولۇپمۇ 2002 - يىلدىن بېرى مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيەدە يېقىنقى 12 يىل ئىچىدە 3 مىليون 691 مىڭ گېكتارلىق ئورمانلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى يولىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر نەتىجىسىدە 2 مىليارد 711 مىليون كۆچەت تىكىلگەنلىكى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر