ت د ت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرى يىغىنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلدى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (ت د ت) غا ئەزا دۆلەتلەر يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى، قازاقىستاننىڭ تاراز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

2118330
ت د ت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرى يىغىنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئايداربېك ساپاروۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرى 3-قېتىملىق يىغىنى تاراز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا، ئەزەربەيجان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى مەجنۇن مەممەدوۋ، ئۆزبېكىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئىبراھىم ئابدۇراخمانوۋ، قىرغىزىستان بىرىنچى مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى قۇبات قاسېيىنوۋ، تۈركىيە مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمان مىنىستىرى ئەبۇبەكىر گىزلىگىدەر، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قۇبانىچبېك ئۆمۈرئالىيېۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئايداربېك ساپاروۋ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، قازاقىستان سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %28 نىڭ ت د ت غا ئەزا دۆلەتلەرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«قازاقىستان يۈز ئۆلچىمى جەھەتتە دۇنيادا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىچىلىق بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەم ئەنئەنىۋى ھەمدە كېلەچىكى پارلاق كەسىپلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. بۇ جەھەتتە قازاقىستاننىڭ ئۆزبېكىستان، تۈركىيە، تۈركمەنىستان ۋە ۋېنگىرىيە بازارلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك گۆش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتماقچىمەن.»

ت د ت باش كاتىپى ئۆمۈرئالىيېۋ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ يېزا ئىگىلىكدە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچلەندۈرۈشتىن باشقا، تۈرك خەلقلىرىنى  مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ت د ت رامكىسىدا سانائەت رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىننىڭ ئاخىرىدا، ئەزا دۆلەتلەر خىتابنامە ئېلان قىلدى.

خىتابنامەدە، تەرەپلەرنىڭ ئەتراپلىق ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئىستىراخۇانىيەسى پىروگراممىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر بويىچە تەتقىقات ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش مەسىلىلىرىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەرلىك ۋە كىلىماتقا چىداملىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سورتلىرىنى قوغداش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن «ئۇرۇق بانكاسى» قۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن خىتابنامەدە، ت د ت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق رەقەملىك يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات سۇپىسى بەرپا قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش مەسىلىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلدى.

خىتابنامەدە، قازاقىستاننىڭ تاراز شەھىرىنى 2024-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ قازاقىستاننىڭ تاراز شەھىرىنى بىر يىللىق «ت د ت يېزا ئىگىلىك پايتەختى» دەپ ئېلان قىلىش، كېلەر قېتىملىق يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرى يىغىنىنى قىرغىزىستاننىڭ چولپان ئاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر