ناخچىۋاندا پارتلاش يۈز بەردى

ئەزەربەيجانغا قاراشلىق ناخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سەدەرەك ۋىلايىتىدە ئەرمېنىيەگە ئائىت ئوق – دورىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2133094
ناخچىۋاندا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ناخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سەدەرەك ۋىلايىتىنىڭ قارائاغاچ يېزىسىدا ئەرمېنىيەگە ئائىت ئوق – دورىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 72 ياشلىق ۋىلايەت رىزايېف بىلەن 53 ياشلىق ئادەم ئەلىيېۋ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، پارتلاشتىن كېيىن تەپسىلىي تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر