قىرغىزىستان ۋە موڭغۇلىيە پارلامېنتلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

قىرغىزىستان پارلامېنتى باشلىقى نۇرلانبېك شاكىيېۋ پايتەخت بىشكەكتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان موڭغۇلىيە پارلامېنتى رەئىسى زاندانشاتار گومبوجاۋ بىلەن كۆرۈشتى.

2108139
قىرغىزىستان ۋە موڭغۇلىيە پارلامېنتلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاكىيېۋ يىغىندا سۆز قىلىپ، قىرغىزىستان ۋە موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەسىرلەر مۇقەددەم چاغلارغا تۇتىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن باشلانغان تارىخىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىسى بىلەنمۇ بىر-بىرىگە چىڭ باغلانغانلىقىنى ئېيتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شاكىيېۋ، پارلامېنتلار ئارا دىيالوگ ۋە پارلامېنت دىپلوماتىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

موڭغۇلىيە پارلامېنتى باشلىقى گومبوجاۋمۇ دۆلىتىنىڭ قىرغىزىستان بىلەن سودا، ساياھەت ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ قىرغىزىستان پارلامېنتى باشلىقى شاكىيېۋنى بۇ يىل موڭغۇلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئالتايدىن ھالقىغان سىجىل سۆھبەت» مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلدى.

سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن، شاكىيېۋ بىلەن گومبوجاۋ قىرغىزىستان ۋە موڭغۇلىيە پارلامېنتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر