غەربىي تراكيا تۈركلىرى ئانا تىل يەسلىلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى

گىرېتسىيە غەربىي تراكيادىكى تۈركلەر تۈركچە ۋە گرېكچە تىللىرىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان يەسلىلەرنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

2105959
غەربىي تراكيا تۈركلىرى ئانا تىل يەسلىلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي تراكيا تۈرك ئوقۇتقۇچىلار بىرلەشمىسى (BTTÖB) ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، غەربىي تراكيادىكى تۈركلەرنىڭ مائارىپتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈركچە ۋە گرېكچە تىللىرىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان يەسلىلەرنىڭ ئېچىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئانا تىلنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قىلىشتىن باشقا، مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بىر كىشىنىڭ ئانا تىلدىن ئايرىلىپ قېلىشى ياكى ئايرىۋېتىلىشى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە خەلقىدىن ئايرىلىپ قېلشىنىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى دېگەنلىكتۇر. تىلىنى يوقىتىپ قويغان مىللەتلەرنىڭ، مىللەت سۈپىتىدە ھايات قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئانا تىلىدىن ئايرىلىپ قالغان شەخس، نۇرغۇنلىغان مىللىي قەدىر-قىممەتلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، غەربىي تراكيادا تۈركچە ۋە گرېكچە تىللىرىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان يەسلىلەرنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. تۈرك پەرزەنتلىرىنى مەكتەپلەردە پەقەت گرېكچە ئوقۇشقىلا زورلاش، دەۋرىمىزنىڭ روھىغا خىلاپ بولغان مەجبۇرلاپ تېڭىش ئىدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.»

ياۋروپا غەربىي تراكيا تۈرك فېدېراتسىيەسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، «كىشىنىڭ ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر