ئەلىيېۋ پىرېزىدېنتلققا سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىنى ئەنقەرەدىن باشلىدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ 7-فېۋرال (2024) دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا قايتا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن، تۇنجى رەسمىي زىيارىتىنى تۈركىيەدىن باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ھۆرمەتلىك ئىلھام ئەلىيېۋ 18-19-فېۋرال كۈنلىرى دۆلىتىمىزدە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ قېتىقى زىيارەت، ئەزەربەيجاندا 7-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق چەت ئەل ساياھىتى ھېسابلىنىدۇ. 19-فېۋرال ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە-ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بارلىق تەرەپلىرى بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ. ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، رايون ۋە دۇنيادكى يېڭ ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.»