جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت مىرزىيايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋنى ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقى مۇناسۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

1982253
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت مىرزىيايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، بەرپاچى ھەمكارلىق ۋە مۇھىم تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئۆزبېكسىتاندىكى تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن روياپقا چىقىرىلغان تۈرلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە - ئۆزبېكىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆتكەن ھەپتە ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مىرزىيايېۋنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە قېرىنداش ئۆزبېكسىتان خەلقىگە تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش تىلىگەنلىكى تەكىتلەندى.

مىرزىيايېۋمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا 14 - ماي تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 28- نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمىدا ئۇتۇق تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر