قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى چېگراسىدا 5.1 بال ۋە 5.6 بال يەر تەۋرىدى

قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل رايونىدا ئارقىمۇ ئارقىدىن ئىككى قېتىم 5.1 بال ۋە 5.6 بال يەر تەۋرىدى.

1951851
قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى چېگراسىدا 5.1 بال ۋە 5.6 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان يەر تەۋرەش تەتقىقات مەركىزىنىڭ باياناتىدا، ئىسسىق كۆل رايونىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 03:42 دە، 5.1 بال يەر تەۋرىگەنلىكى ۋە يەر تەۋرەشنىڭ ئەتراپتىكى يېزىلاردىمۇ ھېس قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىككىنچى قېتىم شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 05:58 دە، ئىسسىق كۆل رايونىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى چېگراسىغا يېقىن يېرىدە 5.6 بال يەر تەۋرىگەنلىكى، يەر تەۋرەشنىڭ يەر يۈزىدىن 35 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

قىرغىزىستان جىددىي ھالەتلەر مىنىستىرلىقى دەسلەپكى ئېنىقلشلارغا ئاساسەن، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر