ياۋروپا ئىتتىپاقى قىرغىزىستاندا سايلامنىڭ قايتا ئۆتكۈزۈلۈشىنى كۈتمەكتە
ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت سايلاملىرىنىڭ يېڭىلىنىشى تەلىپى بىلەن پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ۋە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىن قىرغىزىستاندا ئىشەنچىلىك ۋە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 4 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ نەتىجىسىنىڭ قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغانلىقىنى خاتىرە قىلىپ يېزىپ قويغانلىقلىرى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى قىرغىزىستاندىكى بارلىق سىياسىي كۈچلەرنى ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ئىختىلاپلارنى تىنچلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرماقتا. قىرغىزىستاننىڭ قايتىدىن، خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ۋە پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىك ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئىشەنچىلىك، ئوچۇق - ئاشكارا ۋە كەڭ دائىرىلىك سايلام ئۆتكۈزۈشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىزچىل قوللايمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.