تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىنى ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىغا ئاجراتتۇق.

679531
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2017 – يىلى  12 – فېۋرالدا تۈركمەنىستان خەلقى پىرېزىدېنتىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى. تۈركمەنىستاندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىنى ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىغا ئاجراتتۇق. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

تۈركمەنىستان خەلقى 12 – فېۋرالدا يېڭى پىرېزىدېنتىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى. سايلامدا نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدۋونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 نامزات ئۆزئارا رىقابەتكە چۈشتى. پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا تۈركمەنىستان دېموكراتىيە پارتىيەسىدىن نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ھازىرقى پىرېزىدېنت گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋدىن سىرت تۈركمەنىستان سودا – سانائەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى، رايسگال بانكىسى مۇدىرى ئاتاليېۋ بەكمىرات بىلەن ئاگرار پارتىيەسى رەھبىرى ئورازوۋ دۇردىگىلىچ رىقابەتلەشتى. يەنە تۈركمەنىستان دۆلەتلىك ئاشلىق سانائىتى بىرلىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ئاننانەپەسوۋ ماقسات، ئاھال ئىلى ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات ئورگىنى مۇدىرى زەلىلوۋ سەردار، تۈركمەنىستان دۆلەت خىمىيە ئورگىنى گارابوگازسۇلفات ئىشلەپچىقىرىش بىرلىكى باشلىقى نۇرنەپەسوۋ سۇلەيماننەپەس، داشئوغۇز ئىلى شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇربانوۋ مەرەتدۇردى، سەئىدى ناھىيەسى نېفىت چەككىلەش ئورنىنىڭ مۇدىرى، پارلامېنت ئەزاسى دۇردىيېۋ رامازان بىلەن مارۇ ئىلى شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاننايېۋ جۇمانازارمۇ پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولدى.

15 – فېۋرال چارشەنبە كۈنى ئىچكى كابېنت يىغىنىدا، تۈركمەنىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى باشلىقى گۇلمۇراد مۇرادوۋ پىرېزىدېنتلىق سايلىمى نەتىجىسىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. مۇرادوۋ؛ تۈركمەنىستان دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %97.69 ىغا ئېرىشىپ، قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سايلامدا نامزاتلار ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى ۋە سانى مۇنداق بولدى: ئاننانەپەسوۋ ماقسات %1.02 (32269 بېلەت)؛ ئاننايېۋ جۇمازانازار %0.21 (6643 بېلەت)؛ ئاتاليېۋ بەكمىرات %0.36 (11389 بېلەت)؛ گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ %97.69 (3.090.610 بېلەت)؛ گۇربانوۋ مەرەتدۇردى %0.17 (5378 بېلەت)؛ زەلىلوۋ سەردار %0.25 (7909 بېلەت)؛ دۇردىيېۋ رامازان %0.15 (4745 بېلەت)؛ نۇرنەپەسوۋ سۇلەيماننەپەس %0.09 (2847 بېلەت) ۋە ئورازوۋ دۇردىگىلىچ %0.06 (1898 بېلەت) ئاۋازغا ئېرىشتى.

تۈركمەنىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىلدىن يەتتە يىلغا چىقىرىلدى، 70 بولغان يۇقىرى ياش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەتنى ئالدىمىزدىكى يەتتە يىل بويىچە گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ باشقۇرۇلىدىغان بولدى. سايلام توغرىسىدا خۇسۇسەن غەرب مېدىياسى تەنقىدىي خەۋەر ئانالىزلارنى ئېلان قىلدى. دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بەردىمۇھەممەدوۋدىن باشقا نامزاتلارنىڭ خىزمەت ۋە باياناتلىرىغا ناھايىتى ئاز ئورۇن ئاجراتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بىلگىنىمىزدەك سەپەرمۇرات تۈركمەنباشىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، 2007 – يىلى 11 – فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىسىدە ئومۇمىي ئاۋاز بېلىتىنىڭ %89.23 غا ئېرىشكەن گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ تۈركمەنىستاننىڭ ئىككىنچى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى. 1957 – يىلى دۇنياغا كەلگەن بەردىمۇھەممەدوۋ، 1979 – يىلى تۈركمەنىستان چىش دوختۇرلۇقى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈردى، 1987 – يىلى دوكتورلۇق ئوقۇش ئۈچۈن موسكۋاغا باردى ۋە 1990 – يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى پۈتتۈردى. 1990 – يىلىدىن 1995 – يىلىغىچە چىش دوختۇرلۇق فاكۇلتېتىدا دەسلەپتە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى، كېيىنچە فاكۇلتېت مۇدىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. تۈركمەنباشىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا سىياسەت سەھنىسىگە كىرگەن بەردىمۇھەممەدوۋ، تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتىدە مەنسىپىنى ئەڭ مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغان مىنىستىر بولدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركمەنباشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بەردىمۇھەممەدوۋ خەلقئارا سەھنىدە تۈركمەنىستانغا ۋەكىللىك قىلدى.

تۈركمەنىستان تەبىئىي گاز زاپىسى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تۆتىنچى دۆلىتى. نۇقتىلىق كىرىم مەنبەسى بولغان تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئاساسەن تەڭمۇتەڭ دېگۈدەك تۆۋەنلەپ كېتىشى، 2016 – يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتە تۈركمەنىستاننى قىيناپ قويدى. بەردىمۇھەممەدوۋ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ياردىمى ئارقىسىدا تۈركمەنىستان گازىنى خىتايغا يۆتكەيدىغان بىر تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇش داۋام قىلماقتا. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندە تۈركمەنىستاننىڭ خىتايغا 30 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى تۇرغۇنلۇق يۈزىسىدىن بۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقان تۈركمەنلەر (مۆلچەرلەرگە ئاساسەن) نىڭ %50 ى ۋاقىتلىق ئىشسىز قالدى. تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى تۇرغۇنلۇق دۆلەت ئىقتىسادىغا مەنپىي تەسىر كۆرسەتتى ۋە ئۇن، شېكەر، ياغ دېگەندەك ئاساسىي ئاشلىق ماددىلىرى بىلەن تەمىنلەشتە مەسىلە پەيدا قىلدى.

تۈركمەنىستان «دائىمىي بىتەرەپ دۆلەت» سالاھىيىتى يۈزىسىدىن خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. لېكىن، بۇ مۇساپىدە تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) ئەزالىرىدىن (تۈركىيە قاتارلىق) ياردەم ئېلىشى، مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەمچى بولۇشى مۇمكىن. تۈركمەنىستاننىڭ تۈرك كېڭىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشى ھەر جەھەتتىن (ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىي ۋە باشقىلار) ئۆزىگە پايدىلىق بولىدۇ.

تۈركىيە بىلەن تۈركمەنىستان تۈرك دۇنياسىدىكى ئوغۇز قەبىلىسىگە مەنسۇپ دۆلەتلەردىندۇر. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە بۇ ئىككى دۆلەت، ئارىسىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىقنى نىشان قىلىدىغان كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىشى ۋە بۇ ئىستراتېگىيەلەر ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار، دۆلەت ئورگانلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركەزلىرى ئارىسىدا پائال ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى لازىم.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، تۈركمەنىستاندا مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى ئۈستىگە ئالغان تۈركىيە خۇسۇسىي شىركەتلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى ۋە كونترول قىلىپ تۇرۇشى؛ ئۇتۇق قازانغانلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ناچار ئۈلگە بولۇپ قالغانلىرىنى شاللىشى ۋە ئۇلارغا توسالغۇ بولۇشى كېرەك. تۈركىيە مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە تېخنىك خادىملىرىدىن جامائەت دىپلوماتىيەسى، لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى ساھەسىدە پايدىلىنىشى لازىم.

گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنى تۇنجى بولۇپ تەبرىكلىگەن دۆلەتلەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولدى. خۇلاسىلىگەندە، تۈركمەنىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى شۈبھىسىزكى تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇۋازىنەت ئىزدىنىشلىرىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مەنىدە، تارىخىي رىشتىدىن سىرت، تۈركىيەنىڭ راتسىيونال تاشقى سىياسەت تاللىشىدا تۈركىيە ئۆزىگە خاس ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر