تۈركىيە چېلىشىش كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى

رۇمېنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ياۋروپا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىدا، ئىككى ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال ۋە بىر مىس مېدالغا ئېرىشىپ، جەمئىي ئالتە مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە كوماندىسى، ئارقىمۇ ئارقا ئىككىنچى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولدى.

2102907
تۈركىيە چېلىشىش كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇمېنىيە پايتەختى بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ياۋروپا چېلىشىش چېمپىيونلۇقىنىڭ گرېكچە چېلىشىش تۈرى ئاخىرلاشتى.

بۇنىڭدا، 72 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن گرېكچە چېلىشىشتا سەلچۇق جان، 82 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئالپەرەن بەربەر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

ئۆتكەن يىلى (2023) كىرودىيە پايتەختى زاگرېبتا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدىمۇ چېمپىيون بولغان تۈركىيە گرېكچە چېلىشىش كوماندىسى، تارىخىدا ئىككى قېتىم ئارقىمۇ ئارقا چېمپىيون بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر