ت ر ت ئۈچ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ

ت ر ت كېيىنكى پەسىلدىن باشلاپ ئۈچ پەسىل بويىچە ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) نىڭ چېمپىيونلار مۇسابىقىسى، ياۋروپا چېمپىيونلار مۇسابىقىسى ۋە كونفېرانس چېمپىيونلار مۇسابىقىسىنىڭ نەق مەيداندىن تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالدى.

2093939
ت ر ت ئۈچ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى «TRT 1» ۋە «ت ر ت سپور» قاناللىرىدا تاماشىبىنلارغا ھەقسىز تارقىتىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ مۇسابىقىلەرنى ئىدارىنىڭ رەقەملىك سۇپىسى «تەبىئىي» (tabii) دە كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلىشىچە، چېمپىيونلار مۇسابىقىسى، ياۋروپا چېمپىيونلار مۇسابىقىسى ۋە كونفېرانس چېمپىيونلار مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن تارقىتىش ھوقۇقى پەقەت ت ر ت غىلا مەنسۇپ ئىكەن.

ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ت ر ت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇسابىقىلەرنى ئۈچ پەسىل بويىچە نەق مەيداندىن يالغۇز ئۆزىلا تارقىتىدۇ. ت ر ت تارىخىدىكى بۇ تۇنجى تارقىتىشقا ئېرىشكەنلىكىمىزدىن ئىنتايىنخۇشاللىق ھېس قىلىمىز» دېدى.

مۇسابىقىلەرنى «TRT 1» ۋە «ت ر ت سپور» قاناللىرىدا ۋە ئىدارىنىڭ رەقەملىك سۇپىسى «www.tabii.com» ئادرېسىدىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر