ياۋروپا لوڭقىسى ئۈچۈن چەك تاشلاندى

2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپىلار بويىچە مۇسابىقىگە چۈشىدىغان كوماندىلىرى بېكىتىلدى.

2067942
ياۋروپا لوڭقىسى ئۈچۈن چەك تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ئۈچۈن چەك تاشلاندى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بىرىنچى گۇرۇپپىدا، گېرمانىيە، پورتۇگالىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە ۋە بېلگىيە كوماندىلىرى ئورۇن ئالدى.

ئىككىنچى گۇرۇپپىدا، تۈركىيە، ۋېنگىرىيە، دانىيە، ئالبانىيە، رۇمېنىيە، ئاۋستىرىيە كوماندىلىرى ئورۇن ئالدى.

ئۈچىنچى گۇرۇپپىدا، گوللاندىيە، شوتلاندىيە، سىلوۋېنىيە، كىرودىيە، سىلوۋاكىيە ۋە چېخىيە كوماندىلىرى ئورۇن ئالدى.

تۆتىنچى گۇرۇپپىدا، ئىتالىيە، سېربىيە، شىۋىيېتسارىيە ۋە «Play-off» مۇسابىقىسىگە چۈشىدىغان بوسنيە-گېرتسېگوۋىنا، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، گىرۇزىيە، گىرېتسىيە، ئېسلاندىيە، ئىسىرائىلىيە، قازاقىستان، لىيۇكسېمبۇرگ، پولشا، ئۇكرائىنا ۋە گاللېر كوماندىلىرىدىن ئۈچ كوماندا ئورۇن ئالىدۇ.

ياۋروپا لوڭقىسى 14-ئىيۇن (2024) دىن 14-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر