قاساپئوغلۇ مېسسىنىڭ فورمىسىنى گالاتاساراي كوماندىسىغا ئىئانە قىلدى
مىنىستىر مەھمەت مۇھەررەم قاساپئوغلۇ گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسى كۇلۇبىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
1954819

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاساپئوغلۇ ئارگېنتىنالىق پۇتبول چولپىنى لىئونىل مېسسىنىڭ ئىمزالىق فورمىسىنى گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسىنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ، كىرىمىنى يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىئانە قىلدى.