ۋۇخەن ۋىرۇسى گېرمانىيە كۇلۇبلار بىرلىكىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى توختىتىشىغا سەۋەب بولدى

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 1 - ۋە 2 - بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 2 -ئاپرېلغىچە توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1379493
ۋۇخەن ۋىرۇسى گېرمانىيە كۇلۇبلار بىرلىكىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى توختىتىشىغا سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانكفورتتا ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە كۇلۇبلار بىرلىكى (DFL) نىڭ يىغىنىدا 1- ۋە 2 - بىرلەشمىدىن  جەمئىي 36 كۇلۇبنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتى سەۋەبىدىن 4 - ئاينىڭ 2 -كۈنىگىچە كېچىكتۈرۈش قارار قىلىندى.

گېرمانىيە كۇلۇبلار بىرلىكى (DFL) نىڭ رەئىسى كرىستىيان سەيفېرت بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ قارار مۇسابىقىلارنىڭ 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن باشلاپ قايتا ئوينىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە 30 - مارتتىن كېيىن كېڭىشىش ئارقىلىق قارار ماقۇللىنىدۇ» دېدى.

سەيفېرت بۇ مۇسابىقە پەسلىدە قالغان مۇسابىقىلارنىڭ ئوينىلىدىغان ياكى ئوينالمايدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

سەيفېرت نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن كېيىن تاماشىبىن، تېلېۋىزور ۋە كاپالەتچى كىرىمى بولماي تۇرۇپ، نۇرغۇن كۇلۇبلارنىڭ مەۋجۇتلۇق خەۋىپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر ئۈستىدە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىلىرىنى ۋە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سەيفېرت ۋۇخەن ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر