ئەردوغان: سىياسەتمۇ پۇتبولغا ئوخشاش مۇسابىقە

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارالىق پۇتبول يىغىنىدا، سىياسەتنىڭمۇ تەنتەربىيەگە ئوخشاش رىقابەت ۋە مۇسابىقە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

695031
ئەردوغان: سىياسەتمۇ پۇتبولغا ئوخشاش مۇسابىقە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ھالىچ كونگرە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق پۇتبول يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سىياسەتتىكى بىرىنچى باسقۇچنىڭ رىقابەتنىڭ سايلام ساندۇقىدىن غەلىبە بىلەن چىقىش، ئىككىنچى باسقۇچنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، خەلققە خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سىياسەتنىڭمۇ پۇتبولغا ئوخشاش كوماندا مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«سىياسەت كوماندىنىڭ ئىنتايىن ساغلام بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. پىلانسىز ئىش قىلغان، تاكتكىسى ۋە ئىستراتېگىيەسى بولمىغان كوماندىنىڭ لوڭقىغا ئېرىشىش ئېھتىمالى يوق بولغىنىدەك، خەلقىگە بېرىدىغان ۋەدىسى بولمىغان سىياسەتچىلەر ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش پۇرسىتى بولمايدۇ.»

تەنتەربىيەگە زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇشخۇمارلىق ئارىلاشسا، مەرتلىك روھىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش، سىياسەتكىمۇ يالغانچىلىق، تۆھمەت قىلىش ۋە بۇرمىلاش ئارىلاشقاندا ئوخشاش نەتىجەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پۇتبولدا رىقابەت بىلەن بىرلىكتە، پىداكارلىق، مەرتلىك، دوستلۇق ۋە ياردەملىشىشنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «پۇتبول-تىركىشىش، جەڭ ئېلان قىلىشتۇر» دېدى.

ئۇ تۈركىيەدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدىغان تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ ياسالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پايتەخت ئەنقەرەدىكى 19-ماي تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئورنىغا 40-35 مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى ياساشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى ۋە مەيدان لايىھەسىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر