ئاردا تۇران ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى | ۋىدېئولۇق خەۋەر
تۈرك خەلقىنىڭ ئىپتىخارلىق ئوغلانى، مىللىي پۇتبولچى ئاردا تۇران بارسېلونا – مۆنشىن گلاندباخ كوماندىسى مۇسابىقىسىدە بارلىق تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.
625322
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا ئىسپانىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق پۇتبول كوماندىسى بارسېلونا گېرمانىيەنىڭ مۆنشىن گلاندباخ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى.
بارسېلونا كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتقان تۈرك خەلقىنىڭ ئىپتىخارى ئاردا تۇران، ئارقا – ئارقىدىن كىرگۈزگەن توپلىرى بىلەن ئىسپانىيەلىكلەرنى شادلىق تەنتەنىسىگە چۈمدۈردى.
بارسېلونا كوماندىسى مۇسابىقىدە 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن مۆنشىن گلاندباخ كوماندىسىنى يېڭىپ، نومۇر پەرقىنى 15 كە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ سەركىسى بولدى.
ئاردا تۇران 50-، 54 – ۋە 67 – مىنۇتلاردا كىرگۈزگەن توپلىرى بىلەن مۇسابىقىنىڭ يۇلتۇزى چاقنىغان چولپىنىغا ئايلاندى.